[00:05.00] |
ئۇششاق مۇقامى |
[00:10.00] |
مۇزىكىسى: خەلق |
[00:15.00] |
تېكىستى: خەلق |
[13:01.39] |
تەئەززە |
[13:01.88] |
باغ ئىچرە ساڭا ساچتى گۇل ئاقۇ قىزىل يافراق، |
[13:48.57] |
شاھ باشىغە ئانداقكىم ئەل ئاقۇ قىزىل يارماق. |
[14:28.71] |
نە يارلىغ ئولغايكىم، ھەر كەچە تاڭ ئاتقۇنچە، |
[15:12.15] |
سەن ئەيش ئىلە ئۇيقۇدا، مەن رەنج بىلەن ئويغاق. |
[15:45.94] |
كۆز مەردۇم كويۇڭنىڭ گەردىن تىلەبان باردى، |
[16:04.09] |
قانىكى ئاقار، ئانى قان تارتتىمۇ يا تۇپراق. |
[17:11.90] |
كۆرگەچ ئانى ھەيرەتدىن ئىلكىمنىكى تىشلەر مەن، |
[17:43.59] |
بارماققا باتىپدۇر تىش، تىلنى كەسىبان تىرناق. |
[18:19.28] |
جان نەقدىن ئەجەل بىرلە ھەجرىڭ ئىكى بۆلمىشلەر، |
[18:46.22] |
ئانداقكى، تاپىپ سۇدى ئايرىغاي ئىكى ئورتاق. |
[19:32.03] |
كويۇڭ كەرەك، ئۇچماق يوق، ئۇچماق ئىلە كويۇڭدا، |
[20:08.23] |
ئول نەۋئى تەفاۋۇتدۇركىم، تامۇق ئىلە ئۇچماق. |
[20:44.71] |
ھەم دەھر بەقاسىزدۇر، ھەم ئۇمر ۋەفاسىزدۇر، |
[21:37.64] |
خۇشتۇر نەفەسى ئۆزنى ئەھباب ئىلە خۇش تۇتماق. |
[22:13.28] |
يەتمەكلىك ئەرۇر مۇشكىل مەقسەدغە، نەدىنكىم بار، |
[22:35.43] |
كۆز خىيرەيۇ تۈن تىيرە، ئات ئاقساقۇ يول بورتاق. |
[27:51.67] |
تەئەززە چۈشۈرگىسى |
[27:52.81] |
دەپسەنكى، نەۋائىينى كەلگۈم داغى ئۆلتۈرگۈم، |
[28:24.63] |
ئول ئۆلدى بۇ ھەسرەتدىن، كەل تەڭرى ئۈچۈن پاتراق. |
[29:00.11] |
نۇسخە |
[29:00.82] |
سەرۋى رەۋاندەك چىقسا ئول شەھر ئىچرە غەۋغا بولغۇسى، |
[29:23.25] |
بىر غەمزەسىندىن ھەر زامان يۈز فىتنە پەيدا بولغۇسى. |
[29:45.70] |
ئول نازەنىن قەد قان بىكىن قايدا بولۇر بولسا رەۋان، |
[30:08.17] |
كۆلەنگەسى شەمشاد يا سەرۋى دىلئارا بولغۇسى. |
[30:30.59] |
يۈزىنىڭ ئۈزرە زۇلفىنى مەششاتەكىم شانە قىلۇر، |
[30:58.51] |
بازارى ھۇسنىندە ئانىڭ يۈز تۈرلى غەۋغا بولغۇسى. |
[31:19.32] |
جادۇ كۆزى دەۋرىندە خۇد كافىر بەسى بولدى، ۋەلې، |
[31:46.90] |
لەئلى لەبىن ئەھدىن كۆرۈپ، بارچەسى تەرسا بولغۇسى. |
[32:08.26] |
بەرناغە تەگسە ھالى ئىشق، ئول پىيرى كامىل كۆرۈنۈر، |
[32:33.50] |
ھەم پىيرەغە ئول ھالىدىن يەتىشسە، بەرنا بولغۇسى. |
[33:01.46] |
تاپمادى ۋەسلى گەۋھەردىن مەۋجۇنى بەلادە مۇبتەلا، |
[33:27.14] |
بولۇپ، كۆزۈمنىڭ ياشىدىن ھەر قەترە دەريا بولغۇسى. |
[33:52.78] |
ھافىز بولۇپدۇر فەرد ئۇسۇل دىلدارنىڭ يولىنداكىم، |
[34:10.68] |
جانلارغا ھەزرەتدىن نىدا بىر يولى فەردا بولغۇسى. |
[34:34.23] |
ئىشق سىررىن ھەجر ئەسىرى ناتەۋانلاردىن سوراڭ، |
[34:50.28] |
ئەيش ئىلە ئىشرەت تەرىقىن كامرانلاردىن سوراڭ. |
[35:12.70] |
بىزگە جۇز مىھرۇ ۋەفا ئاينى بولمايدۇر نەسىپ، |
[35:29.80] |
بىۋەفالىغ رەسمنى نامىھرىبانلاردىن سوراڭ. |
[35:51.75] |
بىزنى دەۋران مىھنەتىدىن ئاجىز ئەتمىش ھەم قەرى، |
[36:12.84] |
ھۇسن ئىلە قۇۋۋەتنى رەئنا نەۋجەۋانلاردىن سوراڭ. |
[36:30.35] |
بىدىل ئەل دىلجويلق يا دىلشىكەنلىك رەسىمنى، |
[36:39.31] |
فەھم قىلماسلار، بۇ ئىشنى دىلىستانلاردىن سوراڭ. |
[36:45.35] |
نىك نام ئەل ئىشق ئارا بەدناملىغلار شىۋەسىن، |
[36:55.89] |
ياخشى بىلمەسىلەر، ئانى بىزدەك يامانلاردىن سوراڭ. |
[37:12.87] |
فەقرلىق زەۋقىنى سورماڭ شەۋكەتۇ جاھ ئەھلىدىن، |
[37:21.29] |
ئول سۇئۇبەت لەززەتىن بىخانومانلاردىن سوراڭ. |
[37:29.78] |
ئەجز تۇفراغىدا ئىشق ئەھلىغە ئۆلگەن ھۇكم بار، |
[37:37.92] |
قەتىل ھۇكمى ئەيلەمەكنى قەھرىمانلاردىن سوراڭ. |
[42:32.80] |
نۇسخە چۈشۈرگىسى |
[42:33.48] |
چۇن نەۋائىي ئىشق سەھراسىندا يىتتى، دوستلار، |
[42:50.67] |
ئانى ئول ياندىن يەتىشكەن كارۋانلاردىن سوراڭ. |
[43:07.22] |
مۇستەھزاد |
[43:07.79] |
ھىچ كىشىنى قويماغىل، يا رەب، غەمى ھىجران بىلە، |
[43:36.90] |
يۇسۇفى كەنئانغا ئوخشا مىھنەتى زىندان بىلە. |
[44:05.50] |
كۆرسەلەر گەر خانۇ شاھلەر بەلكى سۇلتانى زەمان، |
[44:40.38] |
قىلغۇدەكدۇر خىزمەتىڭنى، ئەي پەرىۋەش، جان بىلە. |
[45:08.87] |
كۆرمەدىم لەئلى لەبىڭنى يا تىشىڭدەك گەۋھەرى، |
[45:36.96] |
قانچە ئاختاردىم جەھاننى بەھر ئىلەيۇ كان بىلە. |
[46:01.53] |
بىرگىنە كۆرمەي يۈزڭنى دەھر ئارادا تويغۇنچە، |
[46:29.03] |
كەتكۈدەكمەن ئاقىبەت بۇ ئارزۇ ئەرمان بىلە. |
[49:37.86] |
ئول گۇلى جەننەت فىراقىدا، قەلەندەر، سۇبھۇ شام، |
[50:05.05] |
ئۆتكۈدەكمەن بۇلبۇل ئوخشا نالەيۇ ئەفغان بىلە. |
[63:39.74] |
جۇلا |
[63:40.28] |
قىرق گۈن بولدى، ئەي يارىم، ۋەسلىڭدىن جۇدادۇرمەن، |
[63:53.65] |
ۋەسلىڭدىن جۇدا بولغاچ غەمگە مۇبتەلادۇرمەن. |
[64:15.03] |
زۇھرانىڭ فىراقىدا دەر-بەدەر گەدادۇرمەن. |
[64:29.32] |
كۈل بولدى مەنىڭ جىسمىم، بىر يولى ئەدادۇرمەن. |
[64:50.08] |
ئاي يۈزۈڭنى بىر كۆرسەم، باشلارىڭدىن ئۆرگۈلسەم، |
[65:03.91] |
ئۆلسەم ئەرمانىم يوقتۇر، ئاياغىڭدا جان بەرسەم. |
[65:34.97] |
بۇ تاغلار ئەگىز تاغلار، ئاشىق يولىنى باغلار، |
[65:45.97] |
بوش قالدى چاھار باغلار، تاھىر ئۆلسە كىم يىغلار. |
[66:16.30] |
بۇ تاغلار ئەگىز تاغلار، مەئشۇق يولىنى باغلار، |
[66:27.79] |
بوش قالسا چاھار باغلار، تاھىرغا زۆھرا يىغلار. |
[67:45.95] |
سەنەم |
[67:46.88] |
جانىمدا ئەلىف يەڭلىغ ئول سەرۋى مەكان ئەتمىش، |
[67:59.49] |
جىم نۇقتەسىدەك داغىن جانىمدا نىھان ئەتمىش. |
[68:18.63] |
جانىمنى ھەدەف ئەيلەپ، كىرفىكلەرى سەف ئەيلەپ، |
[68:30.80] |
غەمزە ئوقىن ئاتماغقا قاشىنى كەمان ئەتمىش. |
[68:50.73] |
مەن بىدىلىي ھەيرانغا ھەم كۆزلەرى گىريانغا، |
[68:58.95] |
چىرماشماق ئۈچۈن جانغا زۇلفىنى يىلان ئەتمىش. |
[69:20.88] |
ئول دىلبەرى مەھۋەشكە غەمزە بىلە دىلكەشكە، |
[69:29.81] |
چىھرەم ئۈزە قان ياشىم ھالىمنى بەيان ئەتمىش. |
[69:51.91] |
چوڭ سەلىقە |
[69:53.85] |
كۆرسەت جەمالىڭ مەستانەلەرگە، |
[70:02.17] |
ئىشقىڭدا كۆيگەن پەرۋانەلەرگە. |
[70:10.42] |
يوق ماڭا تاقەت قىلسام قەنائەت، |
[70:18.55] |
غەمزە قىلۇرسەن بىگانەلەرگە. |
[70:26.73] |
مەندىن دۇئايى سەندىن ئىجابەت، |
[70:34.36] |
جانىم تەسەددۇق جانانەلەرگە. |
[70:42.29] |
ئەي زۇلمى قاتىغ، رەھم ئەيلەمەيسەن، |
[70:50.23] |
قىلغىل نەزارە بىيچارىلەرگە. |
[70:58.14] |
پەردەنى ئاچغىل ئايدەك يۈزۈڭدىن، |
[71:05.94] |
كۆرسەت جەمالىڭ دىيۋانىلەرگە. |
[71:13.66] |
مەشرەب غەرىبىڭ، بەندەم دەگەيسەن، |
[71:21.45] |
باشىنى قويدى ئاستانىلەرگە. |
[71:31.71] |
كىچىك سەلىقە |
[71:32.33] |
بىرىنچى ئاھاڭ |
[71:33.47] |
سەنى لەيلىئى رەئنادەك ئەجايىب دىلرەبا دەرلەر، |
[71:49.28] |
مەنى مەجنۇنى ھەيراندەك كويۇڭدا بىر گەدا دەرلەر. |
[72:07.67] |
ئەجەبدۇر، ئەي شاھى خۇبان، كەچە-گۈندۈز ئىشىكىڭدە، |
[72:21.60] |
ھەمىشە مەن نەۋا قىلسام:«داغى سەن بىنەۋا» دەرلەر. |
[72:36.70] |
باقىبان ئەل سارى، جانا، يۈزۈڭدىن بىر نىقاب ئالساڭ، |
[72:51.44] |
زۇخۇڭنى چۈن مەھى ئەنۋەر، تەجەللىئى خۇدا دەرلەر. |
[73:09.94] |
تەبەسسۇم ئەيلەبان ناگاھ نەزەر قىلساڭ گورىستانغا، |
[73:23.80] |
قوپۇپ گوردىن بارى مۇردەھەمە «ۋا ھەسرەتا!» دەرلەر. |
[73:42.29] |
كۆرۈبان بەئزى ئاشىقلاركى ھەلقە-ھەلقە زۇلفۇڭنى، |
[74:14.63] |
ئەزەلدىن بىزگە سالغان بۇ ھەمە زەنجىرى پا دەرلەر. |
[74:32.86] |
يۈرۈپ سورۇم تەبىبلەردىن:«نەدۇر بۇ دەردىمەن دەرمان؟» |
[75:04.07] |
تەبىب ئايتۇركى:«ئەي نادان، بۇ دەردى بىدەۋا» دەرلەر. |
[75:17.10] |
ئىككىنچى ئاھاڭ |
[75:17.48] |
ئەي رەفىق سەن ساقلاغىل كۆڭلۈڭدە بىر ئەسرارى بار، |
[75:30.85] |
ياردىن قىلغىل ھەزەر، يانىدا بىر ئەغيارى بار. |
[75:51.33] |
دەمەگىل دەپ سەن ئاڭا سىررىڭنى قىلساڭ ئاشكار، |
[76:04.92] |
ئول ھەم ئايتۇر دەمە دەپ، ئانىڭمۇ ھەم بىر يارى بار. |
[76:25.37] |
گۈندۈز قىلساڭ سۇخەن، بول ھەر تەرەفدىن باخەبەر، |
[76:38.85] |
كەچەلەر ئاھىستە بول، يانىڭدا بىر بىدارىي بار. |
[76:59.07] |
خەندە قىلغان بىرلە ھەركىم سەن ئاڭا بولسا فىرىب، |
[77:19.52] |
گۇل ئاچىلغان بىرلە ئانىڭ يانىدا بىر خارى بار. |
[77:39.65] |
گۇل ئۈچۈن بۇلبۇل ھەمىشە جانىنى ئىيسار ئەتەر، |
[77:59.90] |
ئاقىبەت بۇلبۇلنىڭ ھەم بىر خاردىن ئازارى بار. |
[80:57.63] |
كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى |
[80:58.06] |
ئەي زۇمۇررەد، بىر خۇدادىن ئۆزگەنى تۇتما ئۈمىد، |
[81:10.60] |
ھەقدىن ئۆزگە قايدا بارساڭ بىر بۇزۇن دىيۋارى بار. |
[86:42.88] |
تەئكىد |
[86:43.26] |
سەنەمنى دەردىنى دەفتەر قىلپ خەتكە بىتىپ بولماس، |
[86:58.55] |
ئانى ئەسرارىنى بىفەھىملەرگە شەرھ ئەتىپ بولماس. |
[87:14.82] |
جۇدالىق خەنجەرى بىرلە يۈرەكىم چاك-چاك بولدى، |
[87:30.79] |
يۈرەك زەخمىن ئاچىپ بىدەردلەرغە كۆرسەتىپ بولماس. |
[87:46.83] |
فەلەكنى ئەختەرىن قىلسا بولۇر دەردلەر ھىسابىنى، |
[88:02.67] |
يۈرەكىم زەخمىنى ھەرگىز ھىسابىنى بىلىپ بولماس. |
[88:18.56] |
ھۇۋەيدا، ھەر ئىشكىم بىمۇشەققەت بولماغاي ھاسىل، |
[88:34.49] |
مۇشەققەت تارتماغۇنچە يار ۋەسلىغە يەتىپ بولماس. |
[89:22.08] |
داستان |
[89:22.67] |
بىرىنچى داستان |
[89:27.42] |
كەل غەرىبجان، سەير ئەتەلى بىزلەر بۇ باغدا، |
[89:47.68] |
گۇللار كۆرسۇن بۇلبۇللارنىڭ تەماشاسىنى. |
[90:08.44] |
سەنىڭ ئۈچۈۈن ئەزىز جانىم بولسۇن سەدەقە، |
[90:27.26] |
كۆرگىل، سەنەم شەيدانىڭ تەماشاسىنى. |
[90:40.99] |
ئول خۇدايىم ياراتتى جەننەتۇل رىزۋان، |
[91:00.18] |
بۇ دۇنيادا نىئمەتلەر بەردى مىڭ ئەلۋان. |
[91:12.52] |
لەيلى ئۈچۈن نەچە يىل يۈردى سەرگەردان، |
[91:29.16] |
مەجنۇن كۆرسۇن لەيلانىڭ تەماشاسىنى. |
[91:49.62] |
ئىشق ئوتى ئاشىقلارنى ئەيلەدى بەرباد، |
[92:01.57] |
ئاشىق-مەئشۇق ئوت ئىچرە قىلدى مىڭ فەرياد. |
[92:14.01] |
بىسىتۇن تاغلارىنى قازدى ئول فەرھاد، |
[92:29.93] |
شىرىن كۆرسۇن فەرھادنىڭ تەماشاسىنى. |
[92:50.14] |
ئول خۇدايىم ھەر كىمگە سالدى بىر سەۋدا، |
[93:02.60] |
مۇھەببەتنىڭ بازارىدا تۈمەنمىڭ غەۋغا. |
[93:14.78] |
ئون ئىككى يىل ئاقتىلار دەريادا ئۇزرا، |
[93:30.72] |
ۋامىق كۆرسۇن ئۇزرانىڭ تەماشاسىنى. |
[93:51.33] |
غەرىب-سەنەم قوشۇلدىلار باغدا جەمئ بولۇپ، |
[94:02.99] |
يۈرەكلەرى پارە-پارە، كۆزى نەم بولۇپ. |
[94:14.90] |
ئىككى ئاشىق بىر-بىرىگە يار ھەمدەم بولۇپ، |
[94:31.20] |
تاھىر كۆرسۇن زۆھرانىڭ تەماشاسىنى. |
[97:32.92] |
ئىككىنچى داستان |
[97:34.42] |
ئەي كۆڭۈل، يارنىڭ ۋەفاسى قالدىمۇ؟ |
[97:39.63] |
قىلماغان جانغا ۋەفاسى قالدىمۇ؟ |
[97:48.19] |
ئاتماغان سىينەمگە ئول پەيۋەستە قاش، |
[97:52.85] |
مىژگان ئوقى-قاشى ياسى قالدىمۇ؟ |
[98:01.23] |
پارە بولغان كۆكسۈمە پەيكانىدىن، |
[98:06.11] |
قىلماغان يارنىڭ دەۋاسى قالدىمۇ؟ |
[98:14.22] |
ئۆرتەنىپ ھەجرىدە كۈل بولماق بىلە، |
[98:18.78] |
جانۇ كۆڭلۈمنىڭ سەفاسى قالدىمۇ؟ |
[98:39.84] |
جان فىدا قىلدىڭ دەر ئەردىڭ، ئەي كۆڭۈل، |
[98:44.26] |
بولماغان جانان فىداسى قالدىمۇ؟ |
[99:05.14] |
يار كويىدا قەلەندەر بولغالى، |
[99:09.78] |
مەندىن ئۆزگە بىنەۋاسى قالدىمۇ؟ |
[99:29.72] |
يار ھەجرىدە نىيازىي ئۆرتەنىپ، |
[99:34.44] |
تارتماغان جەبرۇ جەفاسى قالدىمۇ؟ |
[99:54.49] |
چۈشۈرگە: |
[99:54.95] |
ئەي كۆڭۈل، يارنىڭ ۋەفاسى قالدىمۇ؟ |
[100:00.57] |
قىلماغان جانغا جەفاسى قالدىمۇ؟ |
[102:01.98] |
ئۈچىنچى داستان |
[102:11.71] |
ئۈستى قارلىق ئاپئاق تاغلار، |
[102:15.95] |
ئەھۋالىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ |
[102:34.04] |
دۈشمەنلەرگە بەندە بولۇپ، |
[102:38.14] |
قالغانىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ |
[102:56.18] |
نەزەر ئەيلەڭ كۆز ياشىمغا، |
[102:59.52] |
ھىچكىم كەلمەيدۇر قاشىمغا. |
[103:16.49] |
قامچى ياغىپ بۇ باشىمغا، |
[103:20.61] |
تۇرغانىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ |
[103:37.56] |
قىرق يىگىتىم بارچە قالىپ، |
[103:41.60] |
ئۆزۈمنى مەن غەمگە سالىپ، |
[103:58.60] |
ئەھمەد بەگنى بىللە ئالىپ، |
[104:03.14] |
كەلگەنىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ |
[104:19.68] |
يۇسۇف بەگ دەر: سىينەم داغلاپ، |
[104:24.14] |
ئەرمانىم كۆپ، مۇندا يىغلاپ. |
[104:40.54] |
ئات ئالدىدا قولۇم باغلاپ، |
[104:45.17] |
ماڭغانىمنى كۆردۈڭلارمۇ؟ |
[106:28.85] |
تۆتىنچى داستان |
[106:28.85] |
فەلەك ئاشۇبىدىن كىم مەن كەبى زارۇ نىزارى ئولغاي، |
[107:01.13] |
جەھان زۇلمى، ئۇلۇس بىدادىن بىئىئتىبار ئولغاي. |
[107:21.29] |
زىھى ئازادەئىيمەن ئىشق ئارا مەجنۇن ئەمەس ھەمراھ، |
[107:45.24] |
نە مەندە خانۇمانۇ نە ماڭا يارۇ دىيدار ئولغاي. |
[108:05.36] |
جەھان ئەھلىدىن ئەتمەك مۇددەئا مىھرۇ ۋەفا رەسمىن، |
[108:25.29] |
دەمەكتۇر مىھرى زەھرىدىن ھەياتىم ئۇستۇۋار ئولغاي. |
[108:53.29] |
فەنا دەشتى سارى تۈشمىش سەبۇرىي، دوستلار زىنھار، |
[109:13.05] |
دەمەڭكىم ئىختىيار ئەتمىش، ئاڭا نە ئىختىيار ئولغاي. |
[110:51.01] |
مەشرەب |
[110:51.43] |
بىرىنچى مەشرەب |
[110:51.88] |
بىرىنچى ئاھاڭ |
[110:53.23] |
سەنسىز دەمى ئەي شوخ جەھان، كۆزلەرى جادۇ، |
[111:02.77] |
ھەر ئاھىم ئەرۈر چەرخى بايابانىدا ئاھۇ. |
[111:16.29] |
مەن سەرۋى قەدد ئارزۇسىنى ئەيلەپ چەكەدۇرمەن، |
[111:26.61] |
قۇمرى نە ئۈچۈن چەككۈسى سەرۋ ئۈستىدە گۇگۇ. |
[111:40.14] |
دانالار ئىلە ئۆتكەرۇ ئۇمرۇڭنى خۇش ئۆتكەر، |
[111:49.96] |
قىلغۇسى دىماغىڭنى مۇئەتتەر گۇلى خۇشبۇ. |
[112:26.10] |
يۈزىنى ئاچىپ، قىلغۇسى يەلدايىنى گۈندۈز، |
[112:35.69] |
سۇنبۇل ساچار ئافاقغا ئاچسا خەمى گىيسۇ. |
[113:10.47] |
ئىككىنچى ئاھاڭ |
[113:10.78] |
ئەي نۇر دىلودىيدە، دىيدارىڭا مۇشتاقمەن، |
[113:24.71] |
ۋاي يارىي پىسەندىيدە، دىيارىڭا مۇشتاقمەن. |
[113:39.12] |
ئەي ماھى پەرى پەيكەر، ۋاي ھۇرى مەلەك مەنزەر، |
[113:53.39] |
ئەي لەئلى لەبى شەكەر، دىيدارىڭا مۇشتاقمەن. |
[114:08.09] |
ئەي دىلبەرى دىلدارىم، سەنسەن ئەبەدىي جانىم، |
[114:20.10] |
ۋاي يارى ۋەفادارىم، دىيدارىڭا مۇشتاقمەن. |
[114:38.85] |
ئۈچىنچى ئاھاڭ |
[114:39.13] |
كىمكى ئول گۈلچىھرەنى ئۆزىگە مېھمان ئەيلەدى، |
[114:50.75] |
ئۆزىنى ئىسكەندەرۇ جەمشىدى دەۋران ئەيلەدى. |
[115:09.35] |
تا كەمەندى زۇلف ئىلە كۆڭلۈم قۇشىنى قىلدى سەيد، |
[115:21.41] |
يۈرەكىمنى ئۆرتەدى، باغرىمنى بىرىيان ئەيلەدى. |
[115:39.11] |
فۇرقەتۇ ھىجرانىغا ئول دىلبەرى سىيمىن بەدەن، |
[115:50.72] |
كۆزلەرىمنى ياشىنى لەئلى بەدەخشان ئەيلەدى. |
[118:12.07] |
ئىككىنچى ئاھاڭ |
[118:12.48] |
ئەرزىمنى ئايتاي، شاھىم ئىشتكىل، |
[118:15.51] |
مىسكىن گەدامەن، دادىمغا يەتكىل. |
[118:19.33] |
قىلساڭ يىراقراق مۇندا ئۆزۈڭدىن، |
[118:25.55] |
ۋەسلىڭ سارىغا ئاندا ياۋۇتكىل. |
[118:42.27] |
سەندىن ئايىرغان دۇنيايى مەككار، |
[118:46.17] |
كۆڭلۈمنى ئاندىن ئەمدى ساۋۇتكىل. |