[00:01.00] |
سەگاھ مۇقامى |
[00:06.00] |
مۇزىكىسى: خەلق |
[00:11.00] |
تېكىستى: خەلق |
[00:16.00] |
چوڭ نەغمە |
[00:21.00] |
مۇقەددىمە |
[00:39.33] |
ئەمەس خىلۋەت نىشىنلەرغە تەماشايى چەمەن ھاجەت، |
[00:53.39] |
چۇنانچە بولماغاي ئەھلى فەناغا ئەنجۇمەن ھاجەت. |
[01:16.30] |
گىرىفتارى قەددى رەئنايى گۇلگۇنپۇش مەن، ۋاھ-ۋاھ، |
[01:31.01] |
كۆڭۈلدە قالمادى بەرگى گۇلى سەرۋى سۇمەن ھاجەت. |
[02:11.74] |
بەلا دەشتىندەكى ئاۋارەلەرنىڭ ھالىنى سورماڭ، |
[02:31.49] |
كى ئاندا نە گۇلۇ بۇلبۇلۇ نە كوھكەن ھاجەت. |
[02:50.63] |
سەھەر ۋاقتى سەبا يەتكۈردى زۇلفۇڭ تارىدىن بۇيى، |
[03:09.51] |
مۇئەتتەر ئولدى ئالەم، بولمادى مۇشكى خوتەن ھاجەت. |
[03:29.32] |
سوئال ئەيلەپدۇرۇركى يىغلاماقدىن نە غەرەز ئاخىر، |
[03:41.91] |
دەدىلەر مۇستافا، دوستۇم، ماڭا ۋەيسى قىرەن جاھەت. |
[04:12.95] |
زىلەيخا گۇلشەنىن قىلدى سەمۇمى ئىشق خاكىستەر، |
[04:52.59] |
بۇ ياڭلىغ دەمەكىم ئول يۇسۇفى گۇل پىرەھەن ھاجەت. |
[05:28.69] |
بۇ مۇشتى ئۇستىخانىمنى ئانىڭ كويىغا تاشلاڭلار، |
[05:40.43] |
شەھىدى ئىشقغا تابۇت نە گورۇ نە كەفەن ھاجەت. |
[05:57.59] |
روفىقا، بىسەرۇپالارنى سەن ئاغرىتماغىل زىنھار، |
[06:15.72] |
ھەبىب ئىشىكىگە بارغاندا، نە سەن ھاجەت، نە مەن ھاجەت. |
[06:36.11] |
نەۋائىي، يارنىڭ ئاستانەسىنىڭ توفراغى بولدۇڭ، |
[06:46.66] |
ساڭا ئەندى نە سەھۋايۇ نە شەھرۇ نە ۋەتەن ھاجەت. |
[07:41.02] |
تەئەززە |
[07:41.57] |
كەلگىلكى، مۇشتاق بولمىشەم شىرىن لەبىڭ گۇلقەندىنە، |
[08:19.06] |
كەلگىل، لەبىڭ قەندىن ئىلەتگىل ئانلارنىڭ گۇلقەندىنە. |
[08:56.07] |
ھەرقايدا كىم شەرھ ئەيلەسەم شىرىن دۇداغىڭ قەندىنى، |
[09:33.19] |
روھلار قانۇر تۇتى كەبى ئول لەئلى شەكەر خەندىنە. |
[10:09.31] |
شەھلا كۆزۈڭ مەندى كۆڭۈل ئايدىيۇ ئانت ئىچەركى بۇ، |
[10:33.57] |
بولسۇن كەفارەت جانۇ دىل ئول گەرچەگىڭ سەۋگەندىنە. |
[11:09.99] |
مۇشكىن ساچىڭ بەنددىن مەنى كەسدىيۇ پەيۋەند ئەيلەدى، |
[11:34.48] |
تەھسىن ئانىڭ كەسكىنىگە، رەھمەت ئانىڭ پەيۋەندىنە. |
[12:11.12] |
زۇلفىلە قاشى قارەدۇر سەرۋى خىرامان دىلبەرنىڭ، |
[12:34.57] |
قاشلارىگە قۇربان ئولام، يا تۇررەئى دىل بەندىنە. |
[13:23.06] |
ئەي ۋائىز، ئەبسەم ئول، ماڭا تائەتىڭكى پىش ئەيلەمە، |
[13:46.41] |
مەن ئاشىق ئولدۇم كىرمەگۈم، ھەر قىسسەخانىنىڭ پەندىنە. |
[14:34.34] |
ئەي ئىشقىنى ئىنكار ئەيلەيەن، چۈنۇ چىرايۇ چەندنى قوي، |
[14:52.07] |
نەچۈك تۈشەرسەن ئاشىقىڭ چۈنۇ چىرايۇ چەندىنە. |
[15:27.26] |
چۈن شەھرىيارنىڭ شەھرىنە بۇ گۈن نەسىمدۇر مەلىك، |
[15:45.28] |
بۇيرۇق ئانىڭدۇر، ھۇكم ئانىڭ ھەم شەھرىنە ھەم كەندىنە. |
[18:40.65] |
تەئەززە چۈشۈرگىسى |
[18:42.85] |
چۈن شەھرىيارنىڭ شەھرىنە بۇ گۈن نەسىمدۇر مەلىك، |
[19:00.54] |
بۇيرۇق ئانىڭدۇر، ھۇكم ئانىڭ ھەم شەھرىنە ھەم كەندىنە. |
[19:17.54] |
نۇسخە |
[19:18.62] |
ماڭا سەن بولماساڭ جان ھاجەت ئەرمەس، |
[19:25.96] |
بىھىشتۇ ھۇرۇ رىزۋان ھاجەت ئەمەس. |
[19:32.47] |
فىراقىڭدا كۆزۈم ياشى بار ئەركەن، |
[19:39.23] |
بەھارۇ ئەبرى نىيسان ھاجەت ئەرمەس. |
[19:46.42] |
يۈزۈڭدىن شاملار زۇلفۇڭنى يىغساڭ، |
[19:52.86] |
فۇرۇغى ماھى تابان ھاجەت ئەرمەس. |
[19:59.74] |
بويۇڭ سەرۋۇ كۆزۈڭ نەگىس، يۈزۈڭ گۇل، |
[20:06.45] |
سەنىڭ قاشىڭدا بوستان ھاجەت ئەرمەس. |
[20:13.18] |
ئەگەر گەشتى لەبى دەريا قىلۇرسەن، |
[20:20.02] |
كۆزۈمگە كەلكى، ئۇمما ھاجەت ئەرمەس. |
[20:26.77] |
رەقىب بىرلە مۇساھىب قىلما بىزنى، |
[20:33.34] |
قۇتۇرغان ئىتكە سەگبان ھاجەت ئەرمەس. |
[20:40.03] |
ئاتايىغە بۇسۇغاڭدىن ئورۇن بەر، |
[20:46.73] |
سەرايۇ كاخى ئەيۋان ھاجەت ئەرمەس. |
[20:59.79] |
نىگارا، سەنسىزىن مەندىن نە ھاسىل، |
[21:06.52] |
ئەگەر جان بولماسا، تەندىن نە ھاسىل. |
[21:13.18] |
چۇ گۈلدىن رەنگ ئەمەس بۇلبۇلغا بۇيى، |
[21:20.51] |
بەھارۇ باغۇ گۇلشەندىن نە ھاسىل. |
[21:26.89] |
جەفايۇ ئىشۋەلەرنى فەن تۇتۇپسەن، |
[21:33.35] |
مۇنىڭتەك ئىشۋە پۇرفەندىن نە ھاسىل. |
[21:39.93] |
كىشىكىم يوقتۇرۇر مھرى ۋەفاسى، |
[21:46.05] |
ئەگەر خۇرشىددۇر ئاندىن نە ھاسىل. |
[32:39.35] |
جۇلا |
[32:41.08] |
تالى مەجنۇن شاخى ئەگىلدى يار ئەگىلمەيدۇ ماڭا، |
[32:56.95] |
يا كەلىپ ئالغىن بۇ جاننى يا كۆڭۈل بەرگىن ماڭا. |
[33:24.85] |
يار يىراقتا، مەن فىراقتا، ۋەدە يالغان بولماسۇن، |
[33:40.40] |
خەلقى ئالەم بىر بولۇپ، يولدىن چىقارغان بولماسۇن. |
[34:07.74] |
«ئەسسالام» دەپ ئۆيگە كىرسەم، ئۆيدە يارىم ئولتۇرۇر، |
[34:22.48] |
قاشلارى قىيغان قەلەمدەك، كۆزلەرى ئويناپ تۇرۇر. |
[34:49.31] |
كۆرگەلى كەلدىلەرمۇ كۆيدۈرگەلى كەلدىلەرمۇ؟ |
[35:04.17] |
كۆيۈپ ئۆچكەن ئوتلارنى ياندۇرغىلى كەلدىلەرمۇ؟ |
[35:29.77] |
چوڭ سەلىقە |
[35:30.59] |
قىزىل-قىزىل ئالمالارىم ئاقىندا كەتتى، |
[35:43.09] |
قىزىل تونلۇق مەنىڭ يارىم ئىلىغا كەتتى. |
[35:55.39] |
قاراسام ھىچ كۆرۈنمەيدۇ ئىلىنىڭ تاغى، |
[36:07.53] |
مۇنداق يامان بولارمۇدۇر كۆيەكنىڭ داغى. |
[36:19.70] |
قارا-قارا كۆرۈنگەنلەر تاغنىڭ دىرەختى، |
[36:31.37] |
يارنى يارغا كۆرسەتمەگەن يولنىڭ يىراغى. |
[36:43.76] |
يوللار يامان، يوللار يامان، يولنى بىلمەسە، |
[36:55.24] |
مان يارىمنى ئىزدەگەننى دۈشمەن بىلمەسە. |
[37:07.59] |
سەنەم |
[37:10.36] |
ئاي ئالدىدا، گۈن كەينىدە، ھەسرەت ئىچىمدە، |
[37:21.12] |
كۆيۈپ تۇرغان ئوتنى سالدىڭ مەنىڭ ئىچىمگە. |
[37:32.07] |
ئاتلارىنى ھايدايدۇركەن مۇز دابان بىلەن، |
[37:42.67] |
بىر ياخشىنى قىينايدۇركەن بىر يامان بىلەن. |
[37:53.56] |
قارا-قارا قارغالارنىڭ قاناتى بولسام، |
[38:04.13] |
ئەگىز-ئەگىز چىنارلارنىڭ شاخىغا قونسام. |
[38:15.00] |
جان ئالغۇچى ئەزرائىلنىڭ شاگىردى بولسام، |
[38:25.69] |
ئاشىقلارغا قەسد قىلغاننىڭ جانىنى ئالسام. |
[38:40.53] |
كىچىك سەلىقە |
[38:41.45] |
لەبىڭ يادىدا گۇلگۇن مەي ئىچىپ مەستانە بولمىشمەن، |
[59:34.26] |
تەئكىد |
[59:34.69] |
دەۋزەخنىڭ ئوتىنى دەيدۇر، كۆيۈكنىڭ ئوتىغا يەتمەس، |
[59:58.05] |
سەنىڭ ئىشقى فىراقىڭدا باشىمدىن غەم تاغى كەتمەس. |
[60:20.00] |
قاشىڭ دەيمۇ، كۆزۈڭ دەيمۇ، سىياقىڭ قىلدى مەستانە، |
[60:35.02] |
سەنىڭ ئىشقى فىراقىڭدا يۈرەكىم كۆيدى يىگانە. |
[60:42.72] |
ئوقۇيمەن خاجە ھافىزنى، خۇدايىم ئايرىماس بىزنى، |
[60:54.01] |
خۇدايىم ئايرىسا بىزنى، ئۇنۇتمايمەن قارا كۆزنى. |
[61:34.13] |
داستان |
[61:34.74] |
بىرىنچى داستان |
[61:45.91] |
نا ئەھلى بىلەن سۇھبەت تۇتما ھەر جايدا، |
[62:11.46] |
دۈشمەنلەرگە سىررى ھالىن بىلدۈرۈر... |
[62:26.59] |
كۆڭۈلدۈكى سىرنى ئايتما نامەردكە، |
[62:39.53] |
دۈشمەنلەرگە سەۋغا-سەلام يەتكۈرۈر. |
[63:00.51] |
مۇھەببەتسىز گۇلدىن ياخشىدۇر يافراق، |
[63:24.93] |
بىبەھرى گىياھدىن ياخشىدۇر تۇفراق. |
[63:39.96] |
بىئەقىل يولداشتىن ياخشىدۇر تاياق، |
[63:52.38] |
كور كىشىگە يۈرەر يولىن بىلدۈرۈر. |
[64:13.17] |
يامانلارنى قويۇپ بولماس رائيغا، |
[64:25.61] |
سەنى سالۇر غەم-غۇسسەنىڭ چاھىغا. |
[65:01.36] |
مۇھەببەتنىڭ مېھمانى بارسا ئۆيىغە، |
[65:13.28] |
كۈچۈك ئىتتەك قاباب، فىئلىن بىلدۈرۈر. |
[65:33.54] |
يۈسۈفبەگ دەر: ئەجەب بولدى زەمانلار، |
[65:46.11] |
ئەمدى ساڭا ھەمراھ بولدى مەكانلار. |
[66:21.84] |
ئۆز ھالىنى ھەرگىز بىلمەس نادانلار، |
[66:33.77] |
بىر ئىش بىلە ھەرنە ھالىن بىلدۈرۈر. |
[68:46.93] |
ئىككىنچى داستان |
[68:58.68] |
رۇخسارىڭنى كۆرۈپ ئاغدى خەيالىم، |
[69:05.33] |
ئەي دىلرەبا، قايدا بولۇر مەكانىڭ؟ |
[69:11.93] |
پەرىمۇ سەن، بەشەرمۇ سەن نىگارىم، |
[69:17.73] |
ئايتغىل، جانا، قايدا بولۇر مەكانىڭ؟ |
[69:39.92] |
مەنى سورساڭ، شاھ بەرقۇتنىڭ قىزىمەن، |
[69:45.99] |
شەمسى بوستان ئەرۇر مەنىڭ مەكانىم. |
[69:53.00] |
ھالىم سورساڭ پەرىزادنىڭ قىزىمەن، |
[69:58.39] |
ياقىن يەردە يوقتۇر مەنىڭ مەكانىم. |
[70:20.07] |
قەمەر شاھ دەر: ھىجرانلىقتا ئۆتەرمەن، |
[70:30.77] |
فىراقىڭدا پەرۋانەدەك كۆيەرمەن. |
[70:56.89] |
ۋەسلىڭ ئۈچۈن جاننى فىدا ئەتەرمەن، |
[71:03.63] |
ئەي دىلرەبا، قايدا سەنىڭ مەكانىڭ؟ |
[71:24.65] |
شەمسى جانان پەرىلەرنىڭ بىرىمەن، |
[71:34.15] |
بىلىپ ئالغىل، كوھى قافنىڭ پىرىمەن. |
[72:00.90] |
مەنمۇ سەنى كۆپتىن ئىزلەپ يۈرىمەن، |
[72:07.33] |
شەمسى بوستانىدۇر مەنىڭ مەكانىم. |
[74:28.09] |
ئۈچىنچى داستان |
[74:38.41] |
ئەي يارانلار، مۇسۇلمانلار، |
[74:42.52] |
نە بولدى يارىم كەلمەدى. |
[74:56.99] |
ئىشق ئوتىدا كۆيدى جانلار، |
[75:01.05] |
نە بولدى يارىم كەلمەدى. |
[75:21.53] |
كەلۈرمەن دەپ ۋەئدە ئەتتى، |
[75:25.43] |
كەلۈر مۇددەتىدىن ئۆتتى. |
[75:39.85] |
ئەرتەدە چاشگاھقا يەتتى، |
[75:43.75] |
نە بولدى يارىم كەلمەدى. |
[76:04.00] |
يا بىراۋنىڭ فەندىن ئالدى، |
[76:08.05] |
يا بىر يامان دەردكە قالدى. |
[76:21.95] |
يار بىر غەيرى بىلە بولدى، |
[76:25.84] |
نە بولدى يارىم كەلمەدى. |
[76:45.64] |
دەردلىك ئىستەلەر تەبىبىن، |
[76:49.39] |
كۆڭلىدە دائىم مەتلەبىن. |
[77:03.38] |
سەنەم دەپ يىغلار غەرىبىن، |
[77:07.31] |
نە بولدى يارىم كەلمەدى. |
[77:27.53] |
گۇل يۇزىنى كۆرگۈم كەلۈر، |
[77:31.98] |
بىللەلەشىپ يۈرگۈم كەلۈر. |
[77:45.03] |
دائىم دەۋران سۈرگۈم كەلۈر، |
[77:48.99] |
نە بولدى يارىم كەلمەدى. |
[78:08.87] |
يۈرەك بولدى پارە-پارە، |
[78:12.82] |
بۇ دەردلەرگە بارمۇ چارە. |
[78:26.67] |
يىغلار غەرىب بۇ بىچارە، |
[78:30.55] |
نە بولدى يارىم كەلمەدى. |
[83:18.84] |
ئىككىنچى ئاھاڭ |
[83:19.40] |
ئوتقا سالغىل سەرۋىنى ئول قەددى مەۋزۇن بولماسا، |
[83:25.96] |
يەلگە بەرگىل گۇلنى ئول رۇخسارى گۇلگۇن بولماسا. |
[83:35.94] |
سەرسەرى ئاھىم ئەسەر غەم شامى ھىجران تاغىغا، |
[83:43.31] |
ياخشىدۇر تاڭ ئاتقۇنچە بۇ تاغ ھامۈن بولماسا. |
[83:53.44] |
تەلبەلىكىدىن، ۋاھكى، ھەردەم دەردىم ئەفزۇندۇر مەگەر، |
[84:00.64] |
ئول پەرى ئىشقىدا ھەردەم دەردىم ئەفزۇن بولماسا. |
[84:10.69] |
گەر كۆڭۈل قەتل ئىستەبان سەن ۋەئدە قىلدىڭ تاڭلا دەپ، |
[84:18.06] |
ئۇشبۇ دەم ئۆلتۈر بۇ ئىھسان بىرلە مەمۇن بولماسا. |
[84:27.86] |
ئەي نەۋائىي، تانما، گەر دەر ئول پەرى مەجنۇن سەنى، |
[84:35.15] |
ئاشىق ئولغايمۇ پەرىغە ئولكى مەجنۇن بولماسا. |