[00:01.00] |
چەببايات مۇقامى |
[00:05.00] |
مۇزىكىسى: خەلق |
[00:10.00] |
تېكىستى: خەلق |
[00:15.00] |
چوڭ نەغمە |
[00:20.00] |
مۇقەددىمە |
[00:22.86] |
ۋىسالى ھەجرىدىن نالان كۆرەرمەن جانى زارىمنى، |
[00:42.04] |
ماڭا، يا رەب، نەسىب ئەتسەڭ نە بولغاي گۇلئۇزارىمنى. |
[01:01.07] |
نەچە بىرەھم ئىلكىگە بولۇپمەن مۇبتەلا ئاخىر، |
[01:19.06] |
ساۋۇرمىشلار ھەۋاغا ھەر گۈنى غەمكىن غۇبارىمنى. |
[01:40.03] |
تاپىپ ئىشقىم كەمال ئانداغكى روھى ۋامىقۇ فەرھاد، |
[02:06.83] |
كەلىپ پەرۋانە ياڭلىغ ئۆيرۈلۈر شەمئى مەزارىمنى. |
[02:30.83] |
كۆرۈپ ئەھلى تەماشا نەۋ باھارى لالەزارى دەر، |
[03:05.62] |
باغىر قانىن شەفەقگۈن ئەيلەگەن كاھى ئۇزارىمنى. |
[03:30.44] |
دەگىل بۇ ئۇمرى ئالەمدىن ۋەفانى كۆرمەدىم ھەرگىز، |
[03:54.16] |
بۇ دەھر ئىچرە نەفەس ئالغۇنچە بىلمەسمەن تۇرارىمنى. |
[04:39.18] |
ئەگەر گۇل پەردەدە بولسا، نەچۈك ئارام ئالۇر بۇلبۇل، |
[05:03.35] |
يۈز ئاچقىل، بىقەرار ئەتكىل، بۇ جانى بىقەرارىمنى. |
[05:24.40] |
نەچەكىم خەستە جاندۇرمەن مەيى لەئلىڭگە، ئەي ساقىي، |
[05:43.45] |
تەبەسسۇم جامىنى پۇر ئەيلەگىل، دەفئ ئەت خۇمارىمنى. |
[06:00.96] |
جەمالىڭدىن نەچە مەھرۇم ئولۇپ مەھزۇن يۈرۈي، جانا، |
[06:40.35] |
ۋىسالىڭ بىرلە مەمنۇن قىل دىلى ئۈمىدۋارىمنى. |
[07:02.22] |
بولۇرمەن شاد كۆكسۈم داغىنى قايغۇ قاناتقاندىن، |
[07:20.20] |
كۆرۈپ خۇرسەند ئولۇپ بىرەھم ئاچىلغان لالە زارىمنى. |
[07:38.61] |
ئەگەر ئەنقا ئالۇر بولسا نىشان، مەندىن نىشان تاپماس، |
[08:12.13] |
فەنا دەشتىدە نا پەيدا كۆرۈرمەن مەرغزارىمنى. |
[08:30.56] |
لىقا مۇمكىن ئەمەس تەجرىد ھاسىل قىلمايىن، ئەرشىي، |
[08:42.80] |
خەزان بەرگى كەبى بەرباد ئەيلەي ھەرنە بارىمنى. |
[09:15.36] |
تەئەززە |
[09:16.79] |
ئارەزىن ياپقۇچ كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەر لەھزە ياش، |
[09:42.24] |
ئۆلەكىم پەيدا بولۇر يۇلدۇز، نىھان بولغاچ قۇياش. |
[10:13.53] |
قۇتى بىر بادامۇ دەيرىم گۇشەئى مىھراب ئەدى، |
[10:38.57] |
غارەتى دىن ئەتتىن ناگاھ بىر بەلالىق كۆزۈ قاش. |
[10:57.03] |
بۇ دەما-دەم ئاھىم ئىفشا ئەيلەر ئول ئاي ئىشقىنى، |
[11:27.56] |
سۈبھىنىڭ پات-پات دەمى ئانداغكى ئەيلەر مىھر فاش. |
[11:40.06] |
بۇ سەئى قىلماق مۇرۇۋەت ئەسرۇ قاتىقدۇر، ۋەلىك، |
[11:51.66] |
دەسەم ئاغزى ئىچرە ئايتۇر لەئل ھەم بار نەۋئى تاش. |
[12:16.12] |
ناۋەكىڭ كۆڭلۈڭگە كىرمەك جان تالاشماقمۇ ئىكىن، |
[12:40.28] |
كىم قىلۇر پەيكانىنى كۆڭلۈم بىلە جانىم تالاش. |
[13:03.75] |
قاشى ئالىندا نەۋائىي بەرسە جان، ئەيب ئەتمەڭىز، |
[13:27.25] |
كىم بۇدۇر مىھراب، بىر-بىر قويغۇسىدۇر بارچە باش. |
[13:53.34] |
ئۇمرى جاۋىد ئىستەسەڭ فەرد ئولكى بوستان خىزرىدۇر، |
[14:28.60] |
سەرۋكىم دەئب ئەيلەدى ئازادلىغ بىرلە مەئاش. |
[22:25.54] |
نۇسخە |
[22:26.29] |
دەرىغاكىم، مەنى تاشلاپ بۇگۈن ئول دىلرەبا كەتتى، |
[22:45.19] |
قالىپدۇرلار نەچە نائاشنا، ئول ئاشنا كەتتى. |
[23:04.61] |
نەسۇد ئەمدى ئەگەرچە بولسا چۇن خور مۇھرەلەر پەيدا، |
[23:23.63] |
نەتەي ئەمدى ئىككى ئەلەمنى، دۇررى بىبەھا كەتتى. |
[24:01.95] |
خۇشا بەزمى ۋىسالىدىن نەچە گۈن كامران ئەردىم، |
[24:16.07] |
بۇ گۈن مەھتاب ئەينىم تىيرە ئەيلەپ مەھلىقا كەتتى. |
[27:15.34] |
مۇستەھزادە |
[27:16.94] |
بىرىنچى ئاھاڭ |
[27:36.76] |
ئەي مەلاھەت كىشۋەرىنىڭ خەيلىغە سۇلتانمۇ سەن، |
[27:55.54] |
بىر باقىپ كۆڭلۈمنى ئالدىڭ ئافەتى دەۋرانمۇ سەن. |
[28:20.24] |
ئۆلتۈرۈرسەن، كۆيدۈرۈرسەن فۇرقەتىڭدە، ئەي پەرى، |
[28:37.94] |
يىغلاتىپ ھەم كۈلدۈرۈرسەن بىر بەلايى جانمۇسەن. |
[29:02.68] |
گۇل يۈزۈڭغە ئەندەلىب تەڭلىغ قىلىپ زار ئەيلەدىڭ، |
[29:20.09] |
گۇلمۇ سەن يا خارمۇسەن يا ھۇرمۇ سەن، غىلمانمۇسەن. |
[29:44.71] |
گۇل سىفەت گۇللۇقدا تۇرساڭ نەستەرىن بولغاي خەجىل، |
[30:02.95] |
كۆرمەدىم ھەر گىز مەلاللىقدا، لەبى خەندانمۇ سەن. |
[30:21.33] |
كۆرمەدىم بۇ فانىدا سەندەك مەلاھەتلىك كىشى، |
[30:47.01] |
يا پەرىسەن، يا مەلەكسەن، بىلمەدىم ئىنسانمۇ سەن. |
[31:08.66] |
ئىككىنچى ئاھاڭ |
[31:09.40] |
نەزاكەت بوستانىدا قەددىڭ سەرۋى خىراماندۇر، |
[31:31.43] |
مەلاھەت گۈلىستانىدا يۈزۈڭ گۈلبەرگى خەنداندۇر. |
[31:54.31] |
ساڭا كىم بىقەرار ئەرمەس، كۆرەي دەپ ئىنتىزار ئەرمەس، |
[32:16.98] |
جەمالىڭ ئافتابىغە ھەمە زەرراتى رەقساندۇر. |
[32:45.25] |
زەمان پۇر شورىشو، ئافاق پۇر فىتنە، جەھان ھاسىد، |
[33:13.17] |
خەلالىق كۆزلەرىدىن غەيىبدەك مەشھۇرىي پىنھاندۇر. |
[40:55.67] |
جۇلا |
[40:55.92] |
مەن سەنى كۆرۈپ جانان، غەمگە مۇبتەلا بولدۇم، |
[41:07.22] |
ئوت ياقدىڭ يۈرەكىمگە، ئاشق بىقارار بولدۇم. |
[41:17.55] |
نەقرات: |
[41:18.08] |
ياھۇ-يارەي، ئاللاھ يەي، بىر گۈل يارەي، ئاللاھ يەي، |
[41:26.05] |
ئاتەش كۆزلۈك جانانىم، جانانىمەي، ئاللاھ يەي، |
[41:33.19] |
ۋاي، ئاللاھ يەي، دوست ئاللاھ يەي، ئاتەش كۆزلۈك جانانىم. |
[41:51.63] |
ئايغا ئوخشايدۇر يۈزۈڭ، |
[41:54.94] |
چولپانغا ئوخشايدۇ كۆزۈڭ. |
[42:02.24] |
ئوخشايدۇر نەبات قەندگە، |
[42:05.91] |
شە سەنىڭ شىرىن سۆزۈڭ. |
[42:09.29] |
ئا، ياھۇ-يارەي، ئاللاھ يەي، |
[42:12.96] |
ئا، بىر گۇل يارەي، ئاللاھ يەي. |
[42:16.59] |
ئاتەش كۆزلۈك جانانىم، |
[42:20.05] |
جانانىمەي، ئاللاھ يەي. |
[42:23.34] |
ۋاي، ئاللاھ يەي، دوست ئاللاھ يەي، |
[42:34.46] |
ۋاي، ئاتەش كۆزلۈك جانانىم. |
[42:42.09] |
ئاي بولدى يىلمۇ بولدى، |
[42:45.22] |
سەنىڭ ئوتۇڭدا كۆيگەلى. |
[42:55.99] |
ئىنتىزار بولدۇم ئەجەب، |
[43:00.37] |
ئاي يۈزۈڭنى كۆرگەلى. |
[43:03.16] |
ياھۇ، يارەي، ئاللاھ يەي، |
[43:06.04] |
ئا، بىر گۇل يارەي، ئاللاھ يەي. |
[43:09.98] |
ئاتەش كۆزلۈك جانانىم، |
[43:13.23] |
جانانىمەي، ئاللاھ يەي. |
[43:16.55] |
ۋاي، ئاللاھ يەي، دوست ئاللاھ يەي، |
[43:21.40] |
ئاللاھ، ئاتىم سەمرىمەيدۇر، |
[43:24.11] |
ئەڭىز ئوتىدا. |
[43:34.12] |
يۈرەك-باغرىم پارە بولدى، |
[43:38.09] |
يارنىڭ ئوتىدا. |
[43:48.55] |
ئاللاھ، يارىم جەمالىڭدىن، |
[43:51.94] |
بولدۇم ۋىيرانە. |
[44:02.11] |
ئىشق ئوتى يامان ئەكەن، |
[44:06.05] |
قىلدى دىيۋانە. |
[44:16.34] |
ياھۇ، يارەي، ئاللاھ يەي، |
[44:19.26] |
ئا، بىر گۇل يارەي، ئاللاھ يەي. |
[44:22.93] |
ئاتەش كۆزلۈك جانانىم، |
[44:26.09] |
جانانىمەي، ئاللاھ يەي، |
[44:29.69] |
ۋاي، ئاللاھ يەي، دوست ئاللاھ يەي. |
[44:40.23] |
ۋاي، ئاتەش كۆزلۈك جانانىم. |
[46:03.04] |
سەنەم |
[46:03.41] |
دىلبەرا، ماڭا سەنىڭدەك يارۇ جانان قايدادۇر، |
[46:14.33] |
ساڭا ھەم مەندىك ئەل ئىچرە زارۇ ھەيران قايدادۇر. |
[46:22.32] |
خەستەيۇ بىمار ئولۇپ، يولۇڭدا ياتسام مۇدەۋار، |
[46:33.04] |
سورغۇچى ھالى غەرىبىن مەرھەمى جان قايدادۇر. |
[46:51.69] |
غۇنچە ياڭلىغ قان بولۇپ، ئىشقىڭ بىلە خامۇشمەن، |
[46:57.19] |
بول ھۇۋەيدادەك ساڭا باغرى تولا قان قايدادۇر. |
[47:05.17] |
چوڭ سەلىقە |
[47:07.09] |
بۇ گۇن ئايغە ئالتى دەيدۇر، ساناسام يەتتى، |
[47:17.46] |
بىۋەفاغا ئاشىق بولسام، تاشلادى-كەتتى. |
[47:28.50] |
تاشلاپ كەتسەڭ كەتكەنىڭنى ئۇنۇتماغايمەن، |
[47:38.44] |
ئەمدى كەلسەڭ سەن قاشىمغا يولاتماغايمەن. |
[47:49.22] |
يولاتمايمەن مەن قاشىمغا مۇڭلانىپ قالسۇن، |
[47:59.07] |
ئارفا، بۇغداي سامانىدەك سارغارىپ قالسۇن. |
[48:12.06] |
قانداق كىشى كەتەر ئىكىن يارىنى تاشلاپ، |
[48:22.12] |
مەيلى بولسا ئالىپ كەتسۇن بىللەلا باشلاپ. |
[48:34.70] |
كىچىك سەلىقە |
[48:35.17] |
بىرىنچى ئاھاڭ |
[48:44.47] |
كۆرگەلى ھۇسنۇڭنى زارۇ مۇبتەلا بولدۇم ساڭا، |
[49:11.50] |
نە بەلالىغ گۈن ئەدىكىم ئاشىنا بولدۇم ساڭا. |
[49:34.56] |
ھەر نەچە دەردىمكى گۈن-گۈندىن ئۈزەي سەندىن كۆڭۈل، |
[50:00.88] |
ۋاھكى، گۈن-گۈندىن بەدتەرراق مۇبتەلا بولدۇم ساڭا. |
[50:23.67] |
مەن قاچان دەدىم ۋەفا قىلغىل، ماڭا زۇلم ئەيلەدىڭ، |
[50:49.01] |
سەن قاچان دەردىڭ فىدا بولغىل، فىدا بولدۇم ساڭا. |
[51:11.91] |
قاي پەرى پەيكەغە دەرسەن تەلبە بولدۇڭ بۇ سىفەت، |
[51:37.25] |
ئەي پەرى پەيكەر، نە قىلساڭ قىل ماڭا، بولدۇم ساڭا. |
[52:00.00] |
ئەي كۆڭۈل، تەركى نەسىھەت ئەيلەدىم ئاۋارە بول، |
[52:12.63] |
يۈز بەلا يەتمەسكى، مەن ھەم بىر بەلا بولدۇم ساڭا. |
[52:45.74] |
غۇسسە چەنگىدىن نەۋائىي تاپمادىم ئۇششاق ئارا، |
[52:58.82] |
تا نەۋائىيدەك ئەسىرۇ بىنەۋا بولدۇم ساڭا. |
[53:22.52] |
ئىككىنچى ئاھاڭ |
[53:23.10] |
پەردەغە كىرگەن كەبى خۇرشىدى رەخشان ھەر كەچە، |
[53:39.68] |
ئەزمى خىلۋەت ئەيلەر ئول شەمئى شەبىستان ھەر كەچە. |
[53:58.86] |
ئول كۈلۈپ ئەھباب بىرلە سۈبھىدەك، مەن شەمئۋار، |
[54:18.99] |
ئۆرتەنىپ كۆڭلۈم، تۆكەرمەن دۇررى غەلتان ھەر كەچە. |
[54:35.61] |
بىر قۇياش ھىجرانىدا ئۇريات تەنىم گەردۇن كەبى، |
[54:55.31] |
مىھر ئوتىدىن كۆرگۈزۈر مىڭ داغى پىنھان ھەر كەچە. |
[55:12.42] |
چەك، نەۋائىي، نالە، كۆز مەي بەرسۇنۇ باغرىم كەباب، |
[55:32.12] |
چۇن بولۇر ئول ئاي خەيالى بىزگە مىھمان ھەر كەچە. |
[55:48.01] |
ئۈچىنچى ئاھاڭ |
[55:48.63] |
ۋاھ، نە خۇشدۇر خەستەلىكدە كۆرسەلەر يارىم كەلىپ، |
[56:11.32] |
ياكى يالغۇزلۇقىدا ياندا تۇرسا دىلدارىم كەلىپ. |
[56:39.77] |
كەلسە غەمنىڭ لەشكەرى باشىمنى ئايلاندۇرماغا، |
[57:03.64] |
گۇفتەلىغ بولسا، يانىمغا ئول شەكەرخارىم كەلىپ. |
[57:29.02] |
قۇتۇلۇر ئەردىم بۇ غەمدىن، ئول دىلئارامىم كۆرۈپ، |
[57:52.69] |
ۋاھ، ئەگەرچەندكى قەتل ئەتسە دىلئازارىم كەلىپ. |
[58:19.21] |
بۇ كۆڭۈلنى بارچە غەملەردىن خەلاس قىلغاي ئەدى، |
[58:34.57] |
بىر نەزەر قىلماق بىلەن ئول شوخى خۇنخارىم كەلىپ. |
[62:06.87] |
كىچىك سەلىقە چۈشۈرگىسى |
[62:07.96] |
نەچە ۋاقت ئەيلەپ تەھەممۇل، ئەي بىلال، بولغىل خەمۇش، |
[62:32.07] |
مەرھەممەت ئەيلەر سىتەم يەتكەندە غەمخارىم كەلىپ. |
[63:00.72] |
تەئكىد |
[63:01.30] |
ئىشق ئارا مەنمەن دەمى بىمىھنەتۇ غەم بوماغان، |
[63:15.19] |
جانىدىن مەھرۇم ئولۇپ، جانانغا مەھرەم بولماغان. |
[63:29.44] |
يۈز ۋەفا ئەيلەپ، جەفادىن ئۆزگە نەفئى كۆرمەگەن، |
[63:43.45] |
مىڭ جەفا كۆرۈپ، ۋەفاسى زەررەئى كەم بولماغان. |
[63:57.41] |
ئەي نەۋائىي بىلكى تاپماس لەئلىدىن قۇتى ھەيات، |
[64:11.28] |
جاننى تەسلىم ئەيلەمەكلىككە مۇسەللەم بولماغان. |
[64:45.24] |
داستان |
[64:46.13] |
بىرىنچى داستان |
[64:55.99] |
كۆكسۈمنى چاك ئەتىپ قانلار يىغلادىم، |
[65:07.73] |
كەسىپ-كەسىپ قارا باغرىم تۇزلادىم. |
[65:14.53] |
ئەرزى ھالىم بىردىن-بىردىن سۆزلەدىم، |
[65:23.38] |
رەھىم كەلىپ بىزگە نىگاھ ئەيلەدى. |
[65:35.02] |
كۆپ جەفالار باغىڭە كىردىم، |
[65:46.69] |
باغبان بولۇپ ئالما، نارىن تەرمەدىم، |
[65:53.27] |
شۇكر لىللھ يەنە جەمالىڭ كۆردۈم، |
[66:02.10] |
تەڭرى سەنى بىزگە ئەتا ئەيلەدى. |
[66:13.59] |
بەلالاردىن قاچىپ كىردىم دەرياگە، |
[66:27.28] |
ھەر زەمان ئۇچرادىم تۇرلى جەفاگە. |
[66:40.15] |
قۇلاق سال، دىلبەرا، ئۇشبۇ سەۋداگە، |
[66:47.97] |
بىزگە بۇ قىسمەتنى خۇدا ئەيلەدى. |
[66:58.85] |
سەنسەن سەنەۋبەرنى ۋەفالىق يارى، |
[67:12.26] |
ساڭا فىدا بولسۇن جانى ئەفگارى. |
[67:24.81] |
مۇختەسەر ئەيلەسەم ئۇشبۇ دەفتارى، |
[67:32.66] |
بىۋەفا دۇن كىمگە ۋەفا ئەيلەدى. |
[70:44.16] |
ئىككىنچى داستان |
[70:45.50] |
نەمايان ئولدۇڭ، ئەي دىلبەر، يۈزۈڭنى ئافتاب ئەيلەب، |
[71:01.13] |
قارا كاكۇل بىلە زۇلفى پەرىشانىڭ نىقاب ئەيلەب. |
[71:23.67] |
لەبىڭ خالىنى كۆرگەچ، تەن ئۆيىدە ناتەۋان كۆڭلۈم، |
[71:30.31] |
قۇشىدۇركىم قەفەسىدە تەلپىنىپ كۆپ ئىزتىراپ ئەيلەب. |
[72:07.53] |
جەمالىڭ دەفتەرىدىن نۇكتەئىنى شەرھ ئەتە ئالمان، |
[72:16.36] |
يىلى ئۇمرۇم ئىچىدە، ئەي پەرى، يۈز مىڭ كىتاب ئەيلەب. |
[72:22.28] |
ۋەفا ھەرفىنى سورغاندا ماڭا سەن تازە جان بەردىڭ، |
[72:31.25] |
مەسىھا لەبلەرىڭ ئىئجازىن گويا جەۋاب ئەيلەب. |
[72:53.73] |
سەھەر تۇرفە چەمەندە گۇل بىلە تەنھا شەراب ئىچتى، |
[72:59.62] |
ئەجايىپ باغبانى سىينەئى بۇلبۇل كەباب ئەيلەب. |
[73:05.63] |
ھەقىقەتەن جىلۋەگەردۇر، دەر ھەقىقەت ياشۇرۇپ بولماس، |
[73:14.20] |
مەجاز ئەھلى زەلىلىي تەلبەگە مۇنداق قەباب ئەيلەب. |
[75:20.59] |
ئۈچىنچى داستان |
[75:28.27] |
باغبان بولۇپ باغىڭ ئىچرە، |
[75:31.97] |
تەرسەم تازە گۇللارىڭنى. |
[75:48.66] |
ئىگەم سەنى خۇش ياراتمىش، |
[75:52.36] |
ئەگسەم نازۇك بەللەرىڭنى. |
[76:08.57] |
مەنى سورساڭ ئۇشبۇ دەمدە، |
[76:12.21] |
رەنگىم سارىغ، كۆزۈم نەمدە. |
[76:29.12] |
ئاي يۈزۈڭگە تۇتما پەردە، |
[76:32.78] |
تەرھىنالە قوللارىڭنى. |
[76:49.10] |
مەڭزىڭ ئەسلى لالەدۇر، |
[76:52.96] |
باقىشىڭ جاننى ئالادۇر. |
[77:09.60] |
لەبىڭ ئالتۇن فىيالەدۇر، |
[77:13.11] |
ئىچىپ قانسام باللارىڭنى. |
[77:29.15] |
سەھەر قوپۇپ ساچىڭ تارا، |
[77:33.19] |
گۇل يۈزۈڭگە رومال ئورا. |
[77:49.12] |
رەقىب يۈزى بولسۇن قارا، |
[77:53.19] |
بىلىپ يولسام يوللارىڭنى. |
[79:54.15] |
تۆتىنچى داستان |
[80:03.32] |
ئارادىن ھىچ سۆز كەچمەيىن، |
[80:07.45] |
جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟ |
[80:25.63] |
مەنىڭ گۇلۇم ئاچىلمايىن، |
[80:29.59] |
جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟ |
[80:51.48] |
ئانامنىڭ خىزمەتىن قىلماي، |
[80:55.59] |
كەفەن سوراغىدا بولماي. |
[81:12.76] |
ئۆز قولۇڭدا گۆرگە قويماي، |
[81:17.01] |
جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟ |
[81:38.48] |
بىزگە دۇنيا زىندان بولدى، |
[81:42.45] |
كىيگەنىمىز كەفەن بولدى. |
[81:59.46] |
ئىچكەنىمىز زەھەر بولدى، |
[82:03.77] |
جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟ |
[82:24.92] |
گۈلجامالنى كۆپ زارلاتىپ، |
[82:28.97] |
يۈرەكىن ئوتقا داغلاتىپ، |
[82:33.17] |
بەختى قارانى قان يىغلاتىپ، |
[82:37.32] |
جان ئاكا، قايان بارۇرسەن؟ |
[84:56.16] |
مەشرەب |
[84:56.60] |
بىرىنچى مەشرەب |
[84:57.72] |
قىلدى ئول ئاي ئالىدا ئاشىقلىغىم ئىزھارىنى، |
[85:08.30] |
مەن ئاڭا سىررىم دەدىم، بىلمان ئانىڭ ئەسرارىنى. |
[85:29.45] |
كۆز قاراسىن ھەل قىلىپ، ئول ئايغا يازغۇم نامەئى، |
[85:39.68] |
بارى بۇ تەزۋىر ئىلە كۆرگەي كۆزۈم رۇخسارىنى. |
[86:00.75] |
كۆزىدىن تا جانغا يەتمەي لەئلىدىن بەرمەس ھەيات، |
[86:10.50] |
ئول مەسىھ ئۆلدۈم دەگەندە تىرگۈزۈر بىمارىنى. |
[86:31.17] |
ھەيفدۇركىم، رىشتەئى تەسبىھ قىلغاي ئەھلى زۇھد، |
[86:40.90] |
كۇفر زۇلفى ئىچرە ئۆلگەن زۇلفىنىڭ زۇننارىنى. |
[87:01.43] |
تۆكمە جامىنكىم، بەلا سىيلى جەھاننى بۇزماسۇن، |
[87:10.86] |
مەست كۆرسەڭ، زاھىدا، دەيرى فەنا خەممارىنى. |
[87:31.68] |
ئەي نەۋائىي، شەۋقىدىن ئۆلسەم، ئىبارەت قىلغاسەن، |
[87:41.01] |
تۇفراغىم بىرلە مۇھەببەت كويىنىڭ دىيۋارىنى. |
[88:00.37] |
سەنى ئۇششاق كۆڭلىن غارەت ئەتكەچ، دىلرەبا دەرلەر، |
[88:12.04] |
مەنى سەن شوخ دامىغا ئەسىرۇ مۇبتەلا دەرلەر. |
[88:30.69] |
سەنى قەسرى جەمالى ھۇسن ئۆزرە شاھى مەھرويان، |
[88:49.04] |
مەنى رۇسرايى ئىشقىڭ كوچاسىدا بىر گەدا دەرلەر. |
[89:06.66] |
ئەجەب قەمىدۇر ئەسھابى رىزا بىرلە ۋەفالاركىم، |
[89:20.70] |
بەلا تىغى باشىدا سايەئى بالى ھۇما دەرلەر. |
[89:34.29] |
ئىككىنچى مەشرەب |
[89:34.75] |
بىرىنچى ئاھاڭ |
[89:35.19] |
ئەي پەرىزادى زامانىم، جان بىلە قۇل مەن ساڭا، |
[89:51.35] |
گۇلشەنى ھۇسنۇڭداقى بىر دەستە سۇنبۇل مەن ساڭا. |
[90:04.97] |
ئەي گۇلى گۇلزارى جەننەت دىلبەرى ساھىب جەمال، |
[90:21.49] |
گۇل يۈزۈڭنىڭ ئوتىدا بىر خەستە بۇلبۇل مەن ساڭا. |
[90:35.90] |
قىل قەلەندەرغە، نىگارا، لۇتفدىن بىر ئىلتىفات، |
[90:52.42] |
مۇددەتى بولۇپدۇرۇر، ئەي دىلرەبا، قۇلمەن ساڭا. |
[91:06.05] |
ئىككىنچى ئاھاڭ |
[91:06.47] |
ئەرزىم ئىشتكىل، ئەي با لەتافەت، |
[91:11.69] |
قىلغىل تەھەررۇم ئەيلەپ شەفائەت. |
[91:19.47] |
دەردى بەسى كۆپ، ھەددىدىن زىيادە، |
[91:24.84] |
دايىم كۆرەرمەن ئەلدىن مەلامەت. |
[91:32.19] |
مەن زارىغا كىم يارى ۋەفاسىز، |
[91:37.58] |
دىلخەستە قىلدى ئەيلەپ زەافەت. |
[91:45.03] |
فەقرى بىلالىي قىلغىل دۇئايى، |
[91:50.37] |
يارغا يەتەرسەن بولساڭ سەلامەت. |