|
作词 : Mattohti Sattar |
|
作曲 : Mattohti Sattar |
|
خوتەن قاشتېشى |
|
خوتەن گۆھەر قاشتېشى يوق جاھاندا تەڭدىشىڭ |
|
سىڭىپ كەتكەن ئۇنىڭغا يۇرۇڭقاشنىڭ كۆز يېشى |
|
داڭقى كەتكەن دۇنياغا خوتەن گۆھەر قاشتېشى |
|
قىممىتىنى باھالاپ بېرەلمەيدۇ ھېچ كىشى |
|
سۇ ئاستىغا كۆمۈلگەن خوتەن گۆھەر قاشتېشى |
|
تەۋەرۈك ئۇ بىباھا پارقىرار ئىچى تېشى |
|
گۆھەر قاشتېشى يوقتۇر ئۇنىڭ تەڭدىشى |
|
دەريا بويىدا ئەلنىڭ ئۆزگەردى ئۈستى بېشى |
|
خوتەن گۆھەر قاشتېشى نۇر چاچىدۇ ئالەمگە |
|
ئۇچۇرمايدۇ كۆرۈنمەي ئىنسابى يوق ئادەمگە |
|
ئەل قەلبىدە چاقنىغان باغرى يۇمشاق تاش چىلا |
|
ئاجىزلارنى يۆلىگەن ساخاۋەتچى ياخشىلاش |
|
كۆز تەگمىسۇن ياشنىسۇن ساخاۋەتچى تاشچىلا |
|
مەردلىك سېخى شەھەرلەرگە جاراڭلايدۇ ناخشى |