تېخى ناخشىدا : زۇلپىيە كۆرەش تىكىسىت كىرىشتۈرگىچى ئوبۇلقاسىم ھەيران بولما كۆرگەنلىرىڭگە ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن تېخى ، ياراتمىساڭ ئاق ناننى بۈگۈن ، زاغرا ئىزدەپ يۈرىسەن تېخى ، ياراتمىساڭ ئاق ناننى بۈگۈن ، زاغرا ئىزدەپ يۈرىسەن تېخى . ياخشى بولساڭ ئامەت بېشىڭدا ، يامان بولساڭ ئاپەت قېشىڭدا ، ئېسسېق باسماي ئەتكەن ئېشڭدا ، ئەتكەن ئېشىڭدا ، كۆنمىگەنگە كۆنىسەن تېخى ! ھا... ئەقلىڭ ساڭا يول كۆرسەتكىچە ، بىر قولۇڭنى ئىككى ئەتكىچە ، ئىشىگىڭنى تەلەي چەككۈچە ، تالاي خېيال سۈرىسەن تېخى ، ئەقلىڭ ساڭا يول كۆرسەتكىچە ، بىر قولۇڭنى ئىككى ئەتكىچە ، ئىشىگىڭنى تەلەي چەككۈچە ، تالاي خېيال سۈرىسەن تېخى . ھەر كىم بەلكىم سېخى مەرىت ئەمەس ، لېكىن دۇنيا تامام دەرىت ئەمەس ، كۈندە ئويناش مەڭگۈ شەرىت ئەمەس ، مەڭگۈ شەرىت ئەمەس ، تالاي ئويناپ كۈلىسەن تېخى ! ھەر كىم بەلكىم سېخى مەرىت ئەمەس ، لېكىن دۇنيا تامام دەرىت ئەمەس ، كۈندە ئويناش مەڭگۈ شەرىت ئەمەس ، مەڭگۈ شەرىت ئەمەس ، تالاي ئويناپ كۈلىسەن تېخى ! كۈندە ئويناش مەڭگۈ شەرىت ئەمەس ، مەڭگۈ شەرىت ئەمەس ، تالاي ئويناپ كۈلىسەن تېخى ! كۆرمىگەننى كۆرىسەن تېخى ! كۆنمىگەنگە كۆنىسەن تېخى !