سەن ئۈچۈندۇر بارچە كۈيۈم ئىشەنگىن سەن يار ماڭا بارلىقىمنى ئاتىدىم ھاياتىمدا بىر ساڭا سەن بولمىساڭ يېنىمدا باھار زىمىستان ماڭا ئارمانىم ئايرىمىسۇن بىزنى خۇدا ئۇلۇغ ئاللا سەن بولمىساڭ يېنىمدا باھار زىمىستان ماڭا ئارمانىم ئايرىمىسۇن بىزنى ئاللا كەتسەممۇ يىراقلارغا ئەقىدەم ھەمراھ ساڭا ئۇنۇتمىغىن ھەرگىز مېنى سەنسىز ئالەم تار ماڭا كەتسەممۇ يىراقلارغا ئەقىدەم ھەمراھ ساڭا ئۇنۇتمىغىن ھەرگىز مېنى سەنسىز ئالەم تار ماڭا ئىشەنچ بىزگە يار بولسۇن ساداقەت ھەمراھ بولسۇن ھىجران ئازابى بىزدىن يىراق كەتسۇن مۇزىكا.... بىرگە ئۆتەيلى مەڭگۈ لەيلى - مەجنۇن كەبى سۆيگۈمىزدىن زوقلىنىپ شاتلانسۇن بارچە شەيئىي ھاياتىم مەزمۇنى سەن ئاسمانىم يۇلتۇزى زۇلمەتىم نۇرىسەن گۈلباغىم بۇلبۇلى سەن بولمىساڭ يېنىمدا باھار زىمىستان ماڭا ئارمانىم ئايرىمىسۇن بىزنى خۇدا ئۇلۇغ ئاللا كەتسەممۇ يىراقلارغا ئەقىدەم ھەمراھ ساڭا ئۇنۇتمىغىن ھەرگىز مېنى سەنسىز ئالەم تار ماڭا ئىشەنچ بىزگە يار بولسۇن ساداقەت ھەمراھ بولسۇن ھىجران ئازابى بىزدىن يىراق كەتسۇن ھىجران ئازابى بىزدىن يىراق كەتسۇن