作曲 : 无 作词 : 无 سەنسىز ئىزىڭنى سورىسام مەن شامالدىن، نەپەسلىرىم ئېغىر كۆزۈم خېرە. چىدالمىدىم مەن ئازاپقا،بۇ تۈندە بۇكېچىدە. ھەمرايىم يوق، سۆيگۈنۈم يوق،تەنھا قالدىم. يامغۇرلۇق كېچە يەنىلا يالغۇز، باستىم مەن تونۇش ئاشۇ يوللارنى. بىلەلمىدىم قىينايسەن،مېنى نىمىشقا، باقالمىدىم،سۆيەلمىدىم،كىچەلمىدىم. يەنە مېنڭ سۆيگۈم ساڭا مۇقەددەس بىلىنەر، كۆڭلۈڭ مەندەك ئاغرىغاندا ئۆزگىدىن. نادانلىق قىلىپ ئايرىلدىڭ كەچتىم سەندىن دەپ بۈگۈن، ۋەدەڭ قېنى،سۆيگۈڭ قېنى، ئۆزۈڭ قېنى، سۆيۈمەن سېنى. سۈرىتىمنى سەن ئالساڭ قولۇڭغا، كۆزۈڭگە مەندەك ياشلار كېلەرمۇ. باققىنىڭدا يېراقتىكى مەندەك بىر يايرىڭغا، مەندەك تۇرۇپ، سۆيۈپ تورۇپ، ئ‍ەسلەرسەنمۇ. يىراقتا تۇرۇپ تويۇپ قارالماي، باغرىمغا ھەردەم سېنى باسالماي. ئاغرىنماسمەن تەغدىرىمگە،پۈتۈلگىنى شۇ ھىجران، بىلەلمىدىم، كۆنەلمىدىم، چۈشەنمىدىم. كۆردۈم مەن كۆرمىگەن ئاشۇ رەزىل كۈنلەرنى، ئۆزۈم سۆيگەن ئۆز يايرىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ. بەخىت تىلىدىم سۆيگەن گۇناھىم ئۈچۈن مەن ساڭا، غەمدە تۇرۇپ ، دەرتتە تۇرۇپ، كۆزۈم نەم تۇرۇپ،ۆزۈم نەم تۇرۇپ.