作曲 : 无 作词 : 无 چۈشتىكى سۆيگۈ ئولتۇردۇق ئۇزاقلارغىچە، سەن ئازاپلانغان شۇ كېچە . يىغلىدىڭ ھەسرەتلىنىپ شۇنچە، ئسسىق ياشلار ئېلىپ قارا كۆزۈڭگە . ياشلىرىڭنى سۈرتۈپ ئاستاغىنە، ئۇ بىۋاپالىق قىلدى دېدىڭ سۆيگۈڭگە . بۇ كېچە ئۇنىڭغا ، نەپرەتلەنسەڭمۇ قانچە، بىلىمەن ئۇنتالمايسەن ئۇنى يەنە. سەن يۈرۈيسەن چەكسىز ئازاپلار ئىچىدە ، ئۇ يۈرەر كۆڭۈل بېرىپ ئۆزگىگە . بېشىڭنى قويۇپ مۆرەمگە،يىغلىۋالغىن قانغۇچە،ئازاپلىرىڭ ئۇنتۇلسۇن بۇ كېچە . سەن يۈرۈيسەن يېتەلمەي ئۇنىڭ ۋەسلىگە،مەن يۈرىمەن سىنى سۆيۈپ چۈشلىرىمدە بېشىڭنى قويۇپ مۆرەمگە،يىغلىۋالغىن قانغۇچە،ئازاپلىرىڭ ئۇنتۇلسۇن بۇ كېچە . بىلىسەن ئامال يوق تەغدىرگە ، بىلىسەن يەتمەك تەس چىن سۆيگۈگە . ۋە لېكىن بىلمەيسەن نىگار، كۆپتىن بېرى سۆيگەنىمنى ئۆزۈڭگە. سەن ئازابلىنىپ يۈرگەن كۈنلەردە، تەسەللىي بېرەرمەن سېنىڭ كۆڭلۈڭگە، ۋە لېكىن ئازابلار مېنى قېينىغان كېچە، بۇ دەردىمنى مەن ئېيتىمەن كىمگە. پەقەت سەنلا بولساڭ مېنىڭ يېنىمدا، رازىمەن مەڭگۈ ئۆتسەم دوستلارچە.