|
作曲 : 无 |
|
作词 : 无 |
|
چۈشتىكى سۆيگۈ |
|
ئولتۇردۇق ئۇزاقلارغىچە، سەن ئازاپلانغان شۇ كېچە . |
|
يىغلىدىڭ ھەسرەتلىنىپ شۇنچە، ئسسىق ياشلار ئېلىپ قارا كۆزۈڭگە . |
|
ياشلىرىڭنى سۈرتۈپ ئاستاغىنە، ئۇ بىۋاپالىق قىلدى دېدىڭ سۆيگۈڭگە . |
|
بۇ كېچە ئۇنىڭغا ، نەپرەتلەنسەڭمۇ قانچە، بىلىمەن ئۇنتالمايسەن ئۇنى يەنە. |
|
سەن يۈرۈيسەن چەكسىز ئازاپلار ئىچىدە ، ئۇ يۈرەر كۆڭۈل بېرىپ ئۆزگىگە . |
|
بېشىڭنى قويۇپ مۆرەمگە،يىغلىۋالغىن قانغۇچە،ئازاپلىرىڭ ئۇنتۇلسۇن بۇ كېچە . |
|
سەن يۈرۈيسەن يېتەلمەي ئۇنىڭ ۋەسلىگە،مەن يۈرىمەن سىنى سۆيۈپ چۈشلىرىمدە |
|
بېشىڭنى قويۇپ مۆرەمگە،يىغلىۋالغىن قانغۇچە،ئازاپلىرىڭ ئۇنتۇلسۇن بۇ كېچە . |
|
بىلىسەن ئامال يوق تەغدىرگە ، بىلىسەن يەتمەك تەس چىن سۆيگۈگە . |
|
ۋە لېكىن بىلمەيسەن نىگار، كۆپتىن بېرى سۆيگەنىمنى ئۆزۈڭگە. |
|
سەن ئازابلىنىپ يۈرگەن كۈنلەردە، تەسەللىي بېرەرمەن سېنىڭ كۆڭلۈڭگە، |
|
ۋە لېكىن ئازابلار مېنى قېينىغان كېچە، بۇ دەردىمنى مەن ئېيتىمەن كىمگە. |
|
پەقەت سەنلا بولساڭ مېنىڭ يېنىمدا، رازىمەن مەڭگۈ ئۆتسەم دوستلارچە. |