پەنجىگاھ مۇقامى مۇزىكىسى: خەلق تېكىستى: خەلق تەئەززە سۈبھى دەمدە ئاچتى خەممارى ئىشىك مەيخانەغە، بۇق-بۇق ئاۋازى سۇراھى جان بەرۇر مەستانەغە. مەن يىراقدىن بەزمەغە كەلدىمكى ئاخىرراقدا، ساقىيا، قوپ، مەينى پۇر ئەيلەكى بۇ مەيمانەغە. مەجنۇن ئولدۇم لەيلىنىڭ ئىشقىدا بۇ ئالەم ئارا، ئاقىلا، قىلما نەسىھەت مەن كەبى دىيۋانەغە. چەۋرۈلۈپ شەمئى جەمالى مەئشۇقىغا ئاشىقى، ئىشقىدە كۆيمەكنىككىم ئۆرگەتتى بۇ پەرۋانەغە. سىينە زەنگارىنى تەقۋا سەيقەلىدەك پاك قىل، پاكلىق بىرلە قارا ئايىنەدە جانانەغە. توقدۇرۇر دۇشنام سەييادى ئەزەلكى جانىمە، كەلدىلەر مۇرغى ھەۋا ئالەمغە بەھرى دانەغە. تەۋبە قىل زۇھدى رىيائىيغا بۇرۇنراق، ھافىزا، بەسكى ئاچماسدا ئىشىكنى بۇ كەچە مەيخانەغە. تەئەززە چۈشۈرگىسى تەۋبە قىل زۇھدى رىيائىيغا بۇرۇنراق، ھافىزا، بەسكى ئاچماسدا ئىشىكنى بۇ كەچە مەيخانەغە. بىرىنچى نۇسخە ئۆلگۈچە بەندەڭ بولاي، ئەي شاھى خۇبانىم ساڭا، تا تىرىكدۇرمەن فىدا ئەيلەي تەنۇ جانىم ساڭا. ئەي نىگارا، كاشكى كۆرسەم جەمالىڭ ئەكسىنى، كۆيدۈمۇ فانۇسدەك شەمئى شەبىستانىم ساڭا. رەھم قىلغىل مەن يەتىم بىچارەگە، ئەي نازىنىن، ھەسرەتىڭدە زەئ‍فراندەك بولدى رۇخسارىم ماڭا. مۇنچە كۆيدۈرمەك بەدۇركىم ئاشىقى بىچارەنى، كىممۇ ئايتغاي ئەرزى ئەھالىمنى جانانىم، ساڭا. دىلبەرا، سەندى زامان ئايرىلماقىم دۇشۋادۇر، تا قىيامەت يىغلاسام يەتكەيمۇ ئەفغانىم ساڭا. كەچە-گۈندۈز يارنىڭ كويىدا ئىچىتم بادەئى، زاھىدا مەنئ‍ ئەتمەگىلكىم باغۇ بوستانىم ساڭا. بىرىنچى نۇسخە چۈشۈرگىسى يارنىڭ ۋەسلى جەمالىنى تىلەيدۇر نەۋبەتىي، رەھم قىل، يار رەب، قەبۇل بولغايكى ئىمانىم ساڭا. ئىككىنچى نۇسخە گۇل ياقا چاك ئەيلەدى، رۇخسارى ئالىڭنى كۆرۈپ، سەرۋى ئەرئەر تىترەدى، نازۇك نىھالىڭنى كۆرۈپ. ياڭى ئاي قان يىغلادى، ئەرمەس شەفەق چەرخ ئۈزرە كىم، قامەتىن خەم ئەيلەبان، مۇشكىن ھىلالىڭنى كۆرۈپ. سەير ئەتىپ كۆڭلۈم قۇشى باغلاندى زۇلفۇڭ دامىغا، دانە تەڭلىغكىم لەبىڭ ئۈستىدە خالىڭنى كۆرۈپ. خىزر سۈيى بىرلە ئىيسا باشۇنۇپ بولدى خەجىل، ئائ‍لىڭ ئىچرە ناگەھان شىرن زۇلالىڭنى كۆرۈپ. بىر نەفەس جان تۇرماسۇن تەندە، سەنى گەر كۆرمەسەم، خىزر ئۇمرىدۇر ماڭا ئۆلسەم جەمالىڭنى كۆرۈپ. جەننەتۇل فىردەۋس ئارا سەن بولماساڭ، ئەي مەھجەبىن، تاڭ ئەمەسدۇر كەچسەم ئاندىن چۇن ۋىسالىڭنى كۆرۈپ. مەھزۇنا، مەي ئىستەسەڭ سىندۇر كۆڭۈلنى، بول گەدا، دەير پىيرى مەي بەرۇر، سۇنغان سوفالىڭنى كۆرۈپ. ئىككىنچى نۇسخە چۈشۈرگىسى مەھزۇنا، مەي ئىستەسەڭ سىندۇر كۆڭۈلنى، بول گەدا، دەير پىيرى مەي بەرۇر، سۇنغان سوفالىڭنى كۆرۈپ. مۇستەھزادە ئارەزىڭنى باغ ئارا چۈن كۆردى، ھەيران بولدى گۇل، بەگسىز قىلدى نەدىنكىم، بەس، پەرىشان بولدى گۇل. بادەدىن گۇل گۇل كۆرۈپ ئول يۈزنى، ئانىڭ ھەجرىدىن، چاك-چاك ئولغان كۆڭۈلدەك تەھ-بەتەھ قان بولدى گۇل. گۇلئوزارىم كىشۋەرى ھۇسن ئىچرە بولدى پادىشاھ، راست ئانداغكىم چەمەن مۈلكىدە سۇلتان بولدى گۇل. گۇل چاغى يارى سەفەر ئەيلەپ، نەۋائىي جانىغا، ھەر بىرى بىر تازە قانلىغ داغى ھىجران بولدى گۇل. جۇلا خىلئەتى جانغا مۇنەققەش ئولدى جانان سۇرەتى، بولدى جانان سۇرەتى بۇ جىسىم ئارا جان سۇرەتى. جاننى جانانغا نىسار ئەتتىم، پەرىمۇ، ھۇرمۇ، قالمادى، ئەي دوستلاركىم، مەندىن ئىنسان سۈرەتى. ئىزدەبان كەزدىم جەھاننى تاپمادىم سالىپ سوراغ، زارنى سەرگەشتە ئەيلەپ قىلدى ھەيران سۇرەتى. ئوتغا تۈشكەن قىل كەبى جانىمنى ئەتتى پىچ-پىچ، ھەلقە-ھەلقە ئەيلەدى زۇلفى پەرىشان سۇرەتى. خەنجەرى ھىجران ھۇجۇمى ئەيلەدى باغرىمنى چاك، بىر قىيا باقماق بىلە ئول غۇنچە خەندان سۇرەتى. تىيرە كۆڭلۈمنى مۇنەۋۋەر ئەيلەسە، يوقدۇر ئەجەب، ئەنىييىرى ئەئ‍زەم بولۇپ خۇرشىدى سۇرەتى. ئۆلگۈنچە قىلسام تەلەب ۋەسلى مۇيەسسەرمۇ ئىكىن، ئەسلىنى تاپماق بەسى مۇشكىلكى ئاسان سۇرەتى. ئايتىپ-ئايتىپ يىغلاساڭ، مەسئۇد، يوقدۇر ھەمدەمىڭ، بىدەۋا دەردىڭغە بولماي سىھھەت ئىمكان سۇرەتى. جۇلا چۈشۈرگىسى ئايتىپ-ئايتىپ يىغلاساڭ، مەسئۇد، يوقدۇر ھەمدەمىڭ، بىدەۋا دەردىڭغە بولماي سىھھەت ئىمكان سۇرەتى. سەنەم ئەگىز-ئەگىز تاغ باشىدا چىراق كۆيەدۇر، چىراق ئەمەس يارنىڭ ئوتى يۈرەك كۆيەدۇر. ئەگىز-ئەگىز تاغ باشىدىن سارىلدىم تۈزگە، قىزىلگۈلنىڭ غۇنچەسىدەك ئەگىلدىم سىزگە. قىزىلگۈلنىڭ غۇنچەسىدەك كۆرۈنگەن يارىم، قىزىق تەنۇر ئاتەشىدەك كۆيۈنگەن يارىم. چوڭ سەلىقە جانا، يۈزۈڭنى كۆرگەلى كەلدىم، شەكەر لەبىڭنى سۆيگەلى كەلدىم. ئەي خاجەئى ھۇسن، بەندەڭ بولايىن، قۇلدەك ئىشىكدە تۇرغالى كەلدىم. ئۇچرادى ناگاھ ئەھلى مۇھەببەت، قىيمەن بەھانى ئالغالى كەلدىم. مەشرەبكە تەگسە بىر كاسەئى دەۋران، كىچىك سەلىقە بىرىنچى ئاھاڭ يولدا بىر مەھۋەشنى كۆردۈم ئۆزگەچە رەفتارى بار، باشىدا گۇلگۇن جەلاسى، ئۆشنىدە زۇننارى بار. قەتلىئام ئەيلەرگە چىقمىش يانىغا باغلاپ قىلىچ، ئەڭنىگە كىيگەن غەزەبدىن چەكمەنى گۇلنارى بار. دەم بەدەم ئۆرتەپ ۋۇجۇدۇم خىرمەنىن كۈل قىلغالى، ھەي-ھەي، ئول قاتىلنىڭ ئىككى ئاتەشىن رۇخسارى بار. شوخلۇقىدىن ئويناشىپ جان ئالسا ھەردەم كۆزلەرى، غەم ئەمەستۇر جان بەرۈردە لەئ‍لى شەكەر بارى بار. بۇسە ئىستەپ كۆزلەرىم سۈرسەم ئاياغىن سۇنمادى، دەدى ئول بىرەھم كافىر ئىشۋە بىرلە:«نەرى بار». ئۆلسە مەندەك ئاجىزۇ مەھزۇن گەدا، پەرۋاسى يوق، بىر قولىدا جامى مەي، بىر ئىلكىدە سەتارى بار. ئىككىنچى ئاھاڭ ئەرزىمنى ئايتاي بادى سەباغا، بىزدىن دۇئالار ئول دىلرەباغا. كۆزلەرى چوپان، سەرۋى خىرامان، زۇلفى پەرىشان، قاشى قارارغا. ئۇچدى كۆزۈمدىن ئول پەرى ياڭلىغ، تاشلادى كەتتى تۈرلۈك بەلاغا. دەردى فىراقىڭ ئەيلەدى بىمار، قايدا بارايىن ئەمدى دەۋاغا. ھەجرىڭدە تىنماي قىلدىم فىغانلار، يەتتى بۇ نالەم ئەرزۇ سەماغا. يول بەرمەدىلەر ماڭا رەقىبلەر، چىقدىم باش ئالىپ ئ‍ول كەربالارغا. دەردۇ غەم ئىچرە سارغاردى يۈزۈم، تاپشۇرۇپ ئاخىر قادىر خۇداغا. دىلخەستە مەشرەب قىلماسمۇ فەرياد، جەللاد كۆزلەرى ئالسا ئاراغا. ئۈچىنچى ئاھاڭ نەرگىسنىڭ جادۇسىدىن ھەر دەم يۈرەك قاندۇر ماڭا، سۇنبۇلۇڭ سەۋداسىدىن خاتىر پەرىشاندۇر ماڭا. ئىشقدىن بىر زىندەگانلىغ ئاڭلادىم، دۇشۋار ئەمىش، ئەمدى بىر سائەت جۇدا بولماق نە ئىمكاندۇر ماڭا. نالە قىلسام ئەردى رەھمى قىلغاي ئەردىڭ، ۋاھ قەنى، كىم فىراقىڭ زەئ‍فىدىن بىر چىقماغان جاندۇر ماڭا. ئەبر ئەمەس ھەم دەم دۇرەفشان، ئەي ئايازى، كويىدا، ھالى زارىمنى كۆرۈپ ئەفلاك گىريانىدۇر ماڭا. تۆتىنچى ئاھاڭ ئەي زۇھۇرى ئافتابىڭدىن تۈشۈپ ئەئ‍يان ئارا، زەررە يەڭلىغ ھەر تەرەف جان ئەۋرۈلۈر تابىدان ئارا. ئەيلەدىڭ بارى ئەمانەتكە ئەمىن ئادەمنىكىم، بۇ جىھەتدىندۇر زۇھۇرىي كامىلىڭ ئىنسان ئارا. گەر تەجەللىئى جەمالىڭدىن چەمەندە بولماسا، نە دۇر ئەفغان قىلغالى بۇلبۇلغا ھەم بوستان ئارا. جۇملە ئەشيادۇر نىھالى ئىئ‍تىدالىڭغا تانۇق، كىمكى ئارىفدۇر ئاڭا بۇ راستدۇر، يالغان ئارا. تا سەنىڭ سەۋايى زۇلفۇڭ تۈشكەلى ھەر باشقا، يۈز تۈمەن غەۋغا تۈشۈپدۇر جۇملە ئىنسۇ جان ئارا. ئول بەلى ھۇكمىدە بولدى جانىما يۈز مىڭ بەلا، دەردۇ غەم مەھزۇن كۆڭۈلگە، مىھرى ئىشقىڭ جان ئارا. مەزھەرىي، بولغىل قەنائەت كۇنجىدا، ۋىيرانە تۇت، زاھىر ئولغاي گەنجلەر شايەد ساڭا سىيران ئارا. بەشىنچى ئاھاڭ ئەي سەبا، بەرگىل خەبەر، ئول شاھسەۋارىم كەلدىمۇ؟ لۇتف ئەتىپ ھالىم سورارغا ھەمدىيارىم كەلدىمۇ؟ كەيف قىلدىكىم مەنى ئىشقۇ مۇھەببەت بادەسى، تۇتىئى شىرىن زەبان، كۆزى خۇمارىم كەلدىمۇ. پىشرەۋ بولدى يۈزۈڭدىن ئەلەم مۇنەۋۋەر، قەنى سەنىڭتەك روھى مۇسەۋۋەر. سەۋدى بۇ جانىم كۆز بىرلە ئاغزىڭ، ئانداغكى تۇتى بادامۇ شەكەر. زۇلفۇڭ بىلە يۈز كەچەيۇگۈندۇز، لەئ‍لىڭ بىلە سۆز قەندى مۇكەررەر. گەر شانە قىلساڭ زۇلفۇڭ خەيالىن، مۇشك ئىلە بولغاي ئالەم مۇئەتتەر. ئاتساڭ كەبۇتەر تەنىنە ئوقنى، ئاتقاي مۇئەللەق ئول دەم كەبۇتەر. پىشرەۋ چۈشۈرگىسى نە تۇرفە ھافىز كۆيسە ھەمىشە، ئوت ئەرۇر ئاھى، سىينە چۇ مىژگەر. تەئ‍كىد شەھسەۋارىم ھەر قاچان جەۋلان قىلۇر، مەھۋ ئولۇپ بىلمان ئۆزۈمنى، ھەق بىلۇر. ئاڭا ھەر كۆزكىم تۈشەر، كىرفىكلەرى، خەستە كۆڭلۈمگە تىكەندەك سانچىلۇر. ئاچىلۇر كۆڭلۈم سەمەندى سەيرىدىن، غۇنچە يەڭلىغكىم سەبادىن ئاچىلۇر. ئايرىلۇر گويا قۇياشدىن بىر شىھاب، ئاتى نەئ‍لىدىن ھەر ئوتكىم ئايرىلۇر. تەۋسەنى گەردۇننى مەركەب قىلماكىم، يەر بىلەن راكىبى ئاخىر تەڭ قىلۇر. تىز ئەتەر تىغىڭ نەۋائىي ئىشقىنى، گەرچە ئوت ئۆچەر، ئەگەر سۇ ساچىلۇر. داستان بىرىنچى داستان قايسى گۇلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۇلى رەئ‍ناسى بار، قايسى گۇلنىڭ بىر مەنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار. ھۇر بىرلە جەننەتۇل مەئ‍ۋانى كۆڭلۈم نەيلەسۇن، يارنىڭ كويىدا يۈز مىڭ جەننەتۇل مەئ‍ۋاسى بار. يۈزى ئۈزرە كالۇلۇ زۇلفىن پەرىشان كۆرگەلى، ئەي سەئىد، ئاشۇفتە كۆڭلۈمنىڭ ئەجەب سەۋداسى بار. ئىككىنچى داستان ئەي سەنىڭ جادۇ كۆزۈڭ سەر فىتنەئى ئاخىر زەمان، لەبلەرىڭدۇر خەستە كۆڭلۈمگە ھەياتى جاۋىدان. ئەي قۇياش يۈزلۈك سەنەم، ھالىم كۆرۈپ رەھم ئەيلەكىم، يەتتى كۆككە ھەر نەفەس ھەجرىڭدە فەريادۇ فىغان. گەر خەيالىڭ بولسا مىھمان كۆڭلۈم ئۆيۈندە دەمى، ئەيلەگەي يۈز سارى ھەر دەم كۆزلەرىم گەۋھەر فىشان. دەدىم:«ئەي جان، دەردىمە ۋەسلىڭ بىلەن بىر چارە قىل»، كۈلۈپ ئايتۇر:«ئەي ھۈسەينىي، تۇتما مەندى بۇ گۇمان». ئۈچىنچى داستان نازلىق دىلبەر، بىر سۆزۈم ئايتايىن، چەرخى فەلەك، كۆر نە جەفا ئەيلەدى. بىراۋگە كىيگۈزۈپ تاجى خۇسرەۋىن، بىراۋنى ئەل ئىچرە گەدا ئەيلەدى. فەرھادو شىرىن بىلەن ۋامىقۇ ئۇزرا، ئۇلارنىڭ باشىدا مىڭ تۈرلى سەۋدا. بارچەنى ئۆلتۈرگەن ۋەفاسىز دۇنيا، ئاخىرى بارچەنى فەنا ئەيلەدى. لەيلالۇ مەجنۇن دەرلەر، ئالەمگە ئۇستاد، جەھاننىڭ غەمىدىن بولمادى ئازاد. نازلىق دىلبەر، ئىشىت، بۇ چەرخى ناشاد، بۇ غەرىب جانىمغا جەفا ئەيلەدى. تۆتىنچى داستان ئىزدەدىم كۆڭلۈمنى جانان گۈلشەنىدە جان بىلە، نەچە ئ‍اختارسام كەتىپتۇر بۇ كۆڭلۈ جانان بىلە. ئاھ، نەيلەي، جان بىلە قالدى بەدەن، كەتتى كۆڭۈل، كىم قالىپدۇر بۇ جەھاندا مەن كەبى ئارمەن بىلە. زۇلف قۇللابىغا بۇ جانۇ كۆڭۈل بولدى ئەسىر، تەلبە قۇشتەك تەلپىنۈر ھەر دەم نەۋا ئەفغان بىلە. زار مەجنۇنغا ۋىسالى بولسا مۇمكىن، نە ئەجەب، مەرھەبا قىلسا نىگارى لۇتف ئىلە، ئىھسان بىلە. مەشرەب بىرىنچى مەشرەب گوياكى كۆڭۈل سەرھەدى باغى ئەلەمىمدۇر، ئاشىقمەنۇ دۇنيانى سۇ ئالسا نە غەمىمدۇر. بەرقىلكى فەلەككە چەكەدۇر شۇئ‍لەئى ئاھىم، فەريادى قىيامەتدە نىشانى ئەلەمىمدۇر. يول باشلاغۇچى، كەئ‍بە تەۋافىغا نى ھاجەت، ھەر خارۇ خەسى دەشتى سەۋدادى ھەرەمىمدۇر. زۇننارىنى بوينۇمغا سالىپ قىلدى بەرەھمەن، ئەي تەلەب ۋەلىلىي، نە ئاجايىپ سەنەمىمدۇر. ساڭا يۈز شۇكر، يارەب، بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ، فەقىر، مىسكىنغە ئول ئابدۇرەشىدخاننى پەناھ قىلدىڭ. نەفىسىي، كەچە گۈندۈز شۈكرى قىل تەڭرى تەقەددۇسغا، كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا، قاتىغ گۇناھ قىلدىڭ. ھەق يولىدا جان كەچىپ بىر جۇستىجۇيى قىلمادىم، تەۋبە سۇيىدىن تەنىمنى شۇستىسۇيى قىلمادىم. ۋاھ، نەچۈك مەقبۇل بولغاي بۇ نەمازىمكىم مەنىڭ، چۈنكى خۇنامى جىگەر بىرلە ۋۇزۇيى قىلمادىم. ئۆتدى ئۇمرۇم دۇنيانىڭ مەسلەھەتىدىن، ۋادەرىغ! ئاخىرەت ئەسبابىدىن بىر تار مۇيى قىلمادىم. ئىككىنچى مەشرەب يانە ياز بولدىيۇ بوستان نەشۋۇ نەما، ئەي نەسىمى روھپەرۋەر، خەيرى مەقدەم، بەرھابا. ئەمدى خۇشتۇر ماھپەيكەرلەر بىلە گۇلگەشتكىم، باغى رىزۋانتەك چەمەن بولدى لەتىفۇ جانفىزا. ئۇشمۇنىڭتەك فەسلدە مەن ۋەسلى دىلبەردىن يىراق، ئەسرۇ زۇلم ئولغاي، ئىلاھا، تۇتماسۇن تەڭرى رەۋا. خاھ ئۆلتۈر، خاھ تىرگۈز، ئىختىيار ئىلكىڭدەدۇر، ئول سەنىڭ نازۇ ئىتابىڭغا مەنىڭ جانىم فىدا.