[00:08.32]پەنجىگاھ مۇقامى [00:14.48]مۇزىكىسى: خەلق [00:20.47]تېكىستى: خەلق [06:57.43]تەئەززە [06:59.81]سۈبھى دەمدە ئاچتى خەممارى ئىشىك مەيخانەغە، [07:44.67]بۇق-بۇق ئاۋازى سۇراھى جان بەرۇر مەستانەغە. [08:28.82]مەن يىراقدىن بەزمەغە كەلدىمكى ئاخىرراقدا، [09:12.68]ساقىيا، قوپ، مەينى پۇر ئەيلەكى بۇ مەيمانەغە. [09:57.67]مەجنۇن ئولدۇم لەيلىنىڭ ئىشقىدا بۇ ئالەم ئارا، [10:52.87]ئاقىلا، قىلما نەسىھەت مەن كەبى دىيۋانەغە. [11:31.45]چەۋرۈلۈپ شەمئى جەمالى مەئشۇقىغا ئاشىقى، [12:24.56]ئىشقىدە كۆيمەكنىككىم ئۆرگەتتى بۇ پەرۋانەغە. [13:03.70]سىينە زەنگارىنى تەقۋا سەيقەلىدەك پاك قىل، [13:58.89]پاكلىق بىرلە قارا ئايىنەدە جانانەغە. [14:18.15]توقدۇرۇر دۇشنام سەييادى ئەزەلكى جانىمە، [14:56.06]كەلدىلەر مۇرغى ھەۋا ئالەمغە بەھرى دانەغە. [15:44.83]تەۋبە قىل زۇھدى رىيائىيغا بۇرۇنراق، ھافىزا، [16:05.79]بەسكى ئاچماسدا ئىشىكنى بۇ كەچە مەيخانەغە. [21:34.34]تەئەززە چۈشۈرگىسى [21:34.87]تەۋبە قىل زۇھدى رىيائىيغا بۇرۇنراق، ھافىزا، [22:17.46]بەسكى ئاچماسدا ئىشىكنى بۇ كەچە مەيخانەغە. [22:40.32]بىرىنچى نۇسخە [22:41.11]ئۆلگۈچە بەندەڭ بولاي، ئەي شاھى خۇبانىم ساڭا، [22:59.01]تا تىرىكدۇرمەن فىدا ئەيلەي تەنۇ جانىم ساڭا. [23:43.29]ئەي نىگارا، كاشكى كۆرسەم جەمالىڭ ئەكسىنى، [24:01.36]كۆيدۈمۇ فانۇسدەك شەمئى شەبىستانىم ساڭا. [24:19.34]رەھم قىلغىل مەن يەتىم بىچارەگە، ئەي نازىنىن، [24:37.55]ھەسرەتىڭدە زەئ‍فراندەك بولدى رۇخسارىم ماڭا. [24:55.79]مۇنچە كۆيدۈرمەك بەدۇركىم ئاشىقى بىچارەنى، [25:13.54]كىممۇ ئايتغاي ئەرزى ئەھالىمنى جانانىم، ساڭا. [25:58.37]دىلبەرا، سەندى زامان ئايرىلماقىم دۇشۋادۇر، [26:15.95]تا قىيامەت يىغلاسام يەتكەيمۇ ئەفغانىم ساڭا. [26:33.84]كەچە-گۈندۈز يارنىڭ كويىدا ئىچىتم بادەئى، [26:51.21]زاھىدا مەنئ‍ ئەتمەگىلكىم باغۇ بوستانىم ساڭا. [30:59.68]بىرىنچى نۇسخە چۈشۈرگىسى [31:01.06]يارنىڭ ۋەسلى جەمالىنى تىلەيدۇر نەۋبەتىي، [31:18.09]رەھم قىل، يار رەب، قەبۇل بولغايكى ئىمانىم ساڭا. [32:00.62]ئىككىنچى نۇسخە [32:01.65]گۇل ياقا چاك ئەيلەدى، رۇخسارى ئالىڭنى كۆرۈپ، [32:26.75]سەرۋى ئەرئەر تىترەدى، نازۇك نىھالىڭنى كۆرۈپ. [32:52.35]ياڭى ئاي قان يىغلادى، ئەرمەس شەفەق چەرخ ئۈزرە كىم، [33:17.50]قامەتىن خەم ئەيلەبان، مۇشكىن ھىلالىڭنى كۆرۈپ. [33:43.17]سەير ئەتىپ كۆڭلۈم قۇشى باغلاندى زۇلفۇڭ دامىغا، [34:07.73]دانە تەڭلىغكىم لەبىڭ ئۈستىدە خالىڭنى كۆرۈپ. [34:32.70]خىزر سۈيى بىرلە ئىيسا باشۇنۇپ بولدى خەجىل، [34:57.42]ئائ‍لىڭ ئىچرە ناگەھان شىرن زۇلالىڭنى كۆرۈپ. [35:22.36]بىر نەفەس جان تۇرماسۇن تەندە، سەنى گەر كۆرمەسەم، [35:47.00]خىزر ئۇمرىدۇر ماڭا ئۆلسەم جەمالىڭنى كۆرۈپ. [36:11.93]جەننەتۇل فىردەۋس ئارا سەن بولماساڭ، ئەي مەھجەبىن، [36:36.58]تاڭ ئەمەسدۇر كەچسەم ئاندىن چۇن ۋىسالىڭنى كۆرۈپ. [37:01.49]مەھزۇنا، مەي ئىستەسەڭ سىندۇر كۆڭۈلنى، بول گەدا، [37:26.59]دەير پىيرى مەي بەرۇر، سۇنغان سوفالىڭنى كۆرۈپ. [40:16.10]ئىككىنچى نۇسخە چۈشۈرگىسى [40:17.82]مەھزۇنا، مەي ئىستەسەڭ سىندۇر كۆڭۈلنى، بول گەدا، [40:42.14]دەير پىيرى مەي بەرۇر، سۇنغان سوفالىڭنى كۆرۈپ. [41:04.30]مۇستەھزادە [41:10.13]ئارەزىڭنى باغ ئارا چۈن كۆردى، ھەيران بولدى گۇل، [41:36.71]بەگسىز قىلدى نەدىنكىم، بەس، پەرىشان بولدى گۇل. [41:57.23]بادەدىن گۇل گۇل كۆرۈپ ئول يۈزنى، ئانىڭ ھەجرىدىن، [42:22.58]چاك-چاك ئولغان كۆڭۈلدەك تەھ-بەتەھ قان بولدى گۇل. [42:42.12]گۇلئوزارىم كىشۋەرى ھۇسن ئىچرە بولدى پادىشاھ، [43:14.09]راست ئانداغكىم چەمەن مۈلكىدە سۇلتان بولدى گۇل. [46:53.61]گۇل چاغى يارى سەفەر ئەيلەپ، نەۋائىي جانىغا، [47:25.45]ھەر بىرى بىر تازە قانلىغ داغى ھىجران بولدى گۇل. [52:19.79]جۇلا [52:20.83]خىلئەتى جانغا مۇنەققەش ئولدى جانان سۇرەتى، [52:37.34]بولدى جانان سۇرەتى بۇ جىسىم ئارا جان سۇرەتى. [52:51.70]جاننى جانانغا نىسار ئەتتىم، پەرىمۇ، ھۇرمۇ، [53:07.71]قالمادى، ئەي دوستلاركىم، مەندىن ئىنسان سۈرەتى. [53:20.59]ئىزدەبان كەزدىم جەھاننى تاپمادىم سالىپ سوراغ، [53:33.53]زارنى سەرگەشتە ئەيلەپ قىلدى ھەيران سۇرەتى. [53:46.46]ئوتغا تۈشكەن قىل كەبى جانىمنى ئەتتى پىچ-پىچ، [53:59.32]ھەلقە-ھەلقە ئەيلەدى زۇلفى پەرىشان سۇرەتى. [54:12.54]خەنجەرى ھىجران ھۇجۇمى ئەيلەدى باغرىمنى چاك، [54:25.67]بىر قىيا باقماق بىلە ئول غۇنچە خەندان سۇرەتى. [54:38.73]تىيرە كۆڭلۈمنى مۇنەۋۋەر ئەيلەسە، يوقدۇر ئەجەب، [54:55.56]ئەنىييىرى ئەئ‍زەم بولۇپ خۇرشىدى سۇرەتى. [55:30.51]ئۆلگۈنچە قىلسام تەلەب ۋەسلى مۇيەسسەرمۇ ئىكىن، [55:46.76]ئەسلىنى تاپماق بەسى مۇشكىلكى ئاسان سۇرەتى. [56:21.13]ئايتىپ-ئايتىپ يىغلاساڭ، مەسئۇد، يوقدۇر ھەمدەمىڭ، [56:37.91]بىدەۋا دەردىڭغە بولماي سىھھەت ئىمكان سۇرەتى. [59:33.28]جۇلا چۈشۈرگىسى [59:34.87]ئايتىپ-ئايتىپ يىغلاساڭ، مەسئۇد، يوقدۇر ھەمدەمىڭ، [59:47.44]بىدەۋا دەردىڭغە بولماي سىھھەت ئىمكان سۇرەتى. [59:58.23]سەنەم [59:58.71]ئەگىز-ئەگىز تاغ باشىدا چىراق كۆيەدۇر، [60:10.86]چىراق ئەمەس يارنىڭ ئوتى يۈرەك كۆيەدۇر. [60:24.40]ئەگىز-ئەگىز تاغ باشىدىن سارىلدىم تۈزگە، [60:35.93]قىزىلگۈلنىڭ غۇنچەسىدەك ئەگىلدىم سىزگە. [60:48.32]قىزىلگۈلنىڭ غۇنچەسىدەك كۆرۈنگەن يارىم، [61:00.75]قىزىق تەنۇر ئاتەشىدەك كۆيۈنگەن يارىم. [61:28.74]چوڭ سەلىقە [61:29.20]جانا، يۈزۈڭنى كۆرگەلى كەلدىم، [61:39.25]شەكەر لەبىڭنى سۆيگەلى كەلدىم. [61:50.38]ئەي خاجەئى ھۇسن، بەندەڭ بولايىن، [62:01.08]قۇلدەك ئىشىكدە تۇرغالى كەلدىم. [62:12.31]ئۇچرادى ناگاھ ئەھلى مۇھەببەت، [62:22.92]قىيمەن بەھانى ئالغالى كەلدىم. [62:34.10]مەشرەبكە تەگسە بىر كاسەئى دەۋران، [62:44.35]كىچىك سەلىقە [62:44.78]بىرىنچى ئاھاڭ [62:45.76] يولدا بىر مەھۋەشنى كۆردۈم ئۆزگەچە رەفتارى بار، [63:34.01]باشىدا گۇلگۇن جەلاسى، ئۆشنىدە زۇننارى بار. [63:57.17]قەتلىئام ئەيلەرگە چىقمىش يانىغا باغلاپ قىلىچ، [64:11.21]ئەڭنىگە كىيگەن غەزەبدىن چەكمەنى گۇلنارى بار. [64:35.99]دەم بەدەم ئۆرتەپ ۋۇجۇدۇم خىرمەنىن كۈل قىلغالى، [64:50.22]ھەي-ھەي، ئول قاتىلنىڭ ئىككى ئاتەشىن رۇخسارى بار. [65:14.61]شوخلۇقىدىن ئويناشىپ جان ئالسا ھەردەم كۆزلەرى، [65:28.99]غەم ئەمەستۇر جان بەرۈردە لەئ‍لى شەكەر بارى بار. [65:53.49]بۇسە ئىستەپ كۆزلەرىم سۈرسەم ئاياغىن سۇنمادى، [66:07.16]دەدى ئول بىرەھم كافىر ئىشۋە بىرلە:«نەرى بار». [66:31.61]ئۆلسە مەندەك ئاجىزۇ مەھزۇن گەدا، پەرۋاسى يوق، [66:45.82]بىر قولىدا جامى مەي، بىر ئىلكىدە سەتارى بار. [67:10.65]ئىككىنچى ئاھاڭ [67:11.57]ئەرزىمنى ئايتاي بادى سەباغا، [67:18.20]بىزدىن دۇئالار ئول دىلرەباغا. [67:24.90]كۆزلەرى چوپان، سەرۋى خىرامان، [67:32.24]زۇلفى پەرىشان، قاشى قارارغا. [67:53.02]ئۇچدى كۆزۈمدىن ئول پەرى ياڭلىغ، [67:59.90]تاشلادى كەتتى تۈرلۈك بەلاغا. [68:06.71]دەردى فىراقىڭ ئەيلەدى بىمار، [68:13.87]قايدا بارايىن ئەمدى دەۋاغا. [68:35.27]ھەجرىڭدە تىنماي قىلدىم فىغانلار، [68:48.98]يەتتى بۇ نالەم ئەرزۇ سەماغا. [68:55.53]يول بەرمەدىلەر ماڭا رەقىبلەر، [69:02.89]چىقدىم باش ئالىپ ئ‍ول كەربالارغا. [69:23.83]دەردۇ غەم ئىچرە سارغاردى يۈزۈم، [69:37.49]تاپشۇرۇپ ئاخىر قادىر خۇداغا. [69:44.18]دىلخەستە مەشرەب قىلماسمۇ فەرياد، [69:51.36]جەللاد كۆزلەرى ئالسا ئاراغا. [70:11.69]ئۈچىنچى ئاھاڭ [70:12.60]نەرگىسنىڭ جادۇسىدىن ھەر دەم يۈرەك قاندۇر ماڭا، [70:32.93]سۇنبۇلۇڭ سەۋداسىدىن خاتىر پەرىشاندۇر ماڭا. [71:00.91]ئىشقدىن بىر زىندەگانلىغ ئاڭلادىم، دۇشۋار ئەمىش، [71:21.97]ئەمدى بىر سائەت جۇدا بولماق نە ئىمكاندۇر ماڭا. [71:49.50]نالە قىلسام ئەردى رەھمى قىلغاي ئەردىڭ، ۋاھ قەنى، [72:10.25]كىم فىراقىڭ زەئ‍فىدىن بىر چىقماغان جاندۇر ماڭا. [72:37.85]ئەبر ئەمەس ھەم دەم دۇرەفشان، ئەي ئايازى، كويىدا، [72:58.29]ھالى زارىمنى كۆرۈپ ئەفلاك گىريانىدۇر ماڭا. [73:25.74]تۆتىنچى ئاھاڭ [73:27.41]ئەي زۇھۇرى ئافتابىڭدىن تۈشۈپ ئەئ‍يان ئارا، [73:40.57]زەررە يەڭلىغ ھەر تەرەف جان ئەۋرۈلۈر تابىدان ئارا. [73:57.41]ئەيلەدىڭ بارى ئەمانەتكە ئەمىن ئادەمنىكىم، [74:10.85]بۇ جىھەتدىندۇر زۇھۇرىي كامىلىڭ ئىنسان ئارا. [74:27.62]گەر تەجەللىئى جەمالىڭدىن چەمەندە بولماسا، [74:41.11]نە دۇر ئەفغان قىلغالى بۇلبۇلغا ھەم بوستان ئارا. [75:04.60]جۇملە ئەشيادۇر نىھالى ئىئ‍تىدالىڭغا تانۇق، [75:11.04]كىمكى ئارىفدۇر ئاڭا بۇ راستدۇر، يالغان ئارا. [75:25.61]تا سەنىڭ سەۋايى زۇلفۇڭ تۈشكەلى ھەر باشقا، [75:31.08]يۈز تۈمەن غەۋغا تۈشۈپدۇر جۇملە ئىنسۇ جان ئارا. [75:47.99]ئول بەلى ھۇكمىدە بولدى جانىما يۈز مىڭ بەلا، [75:55.30]دەردۇ غەم مەھزۇن كۆڭۈلگە، مىھرى ئىشقىڭ جان ئارا. [76:08.62]مەزھەرىي، بولغىل قەنائەت كۇنجىدا، ۋىيرانە تۇت، [76:14.60]زاھىر ئولغاي گەنجلەر شايەد ساڭا سىيران ئارا. [76:30.54]بەشىنچى ئاھاڭ [76:31.83]ئەي سەبا، بەرگىل خەبەر، ئول شاھسەۋارىم كەلدىمۇ؟ [76:51.56]لۇتف ئەتىپ ھالىم سورارغا ھەمدىيارىم كەلدىمۇ؟ [77:11.83]كەيف قىلدىكىم مەنى ئىشقۇ مۇھەببەت بادەسى، [77:31.66]تۇتىئى شىرىن زەبان، كۆزى خۇمارىم كەلدىمۇ. [80:27.09]پىشرەۋ [80:28.57]بولدى يۈزۈڭدىن ئەلەم مۇنەۋۋەر، [80:41.26]قەنى سەنىڭتەك روھى مۇسەۋۋەر. [80:54.60]سەۋدى بۇ جانىم كۆز بىرلە ئاغزىڭ، [81:07.27]ئانداغكى تۇتى بادامۇ شەكەر. [81:20.69]زۇلفۇڭ بىلە يۈز كەچەيۇگۈندۇز، [81:33.52]لەئ‍لىڭ بىلە سۆز قەندى مۇكەررەر. [81:46.39]گەر شانە قىلساڭ زۇلفۇڭ خەيالىن، [81:58.83]مۇشك ئىلە بولغاي ئالەم مۇئەتتەر. [82:15.55]ئاتساڭ كەبۇتەر تەنىنە ئوقنى، [82:27.70]ئاتقاي مۇئەللەق ئول دەم كەبۇتەر. [84:33.61]پىشرەۋ چۈشۈرگىسى [84:34.04]نە تۇرفە ھافىز كۆيسە ھەمىشە، [84:45.72]ئوت ئەرۇر ئاھى، سىينە چۇ مىژگەر. [84:58.68]تەئ‍كىد [84:59.90]شەھسەۋارىم ھەر قاچان جەۋلان قىلۇر، [85:05.17]مەھۋ ئولۇپ بىلمان ئۆزۈمنى، ھەق بىلۇر. [85:10.85]ئاڭا ھەر كۆزكىم تۈشەر، كىرفىكلەرى، [85:16.36]خەستە كۆڭلۈمگە تىكەندەك سانچىلۇر. [85:21.61]ئاچىلۇر كۆڭلۈم سەمەندى سەيرىدىن، [85:27.22]غۇنچە يەڭلىغكىم سەبادىن ئاچىلۇر. [85:33.05]ئايرىلۇر گويا قۇياشدىن بىر شىھاب، [85:44.30]ئاتى نەئ‍لىدىن ھەر ئوتكىم ئايرىلۇر. [85:55.79]تەۋسەنى گەردۇننى مەركەب قىلماكىم، [86:01.52]يەر بىلەن راكىبى ئاخىر تەڭ قىلۇر. [86:12.64]تىز ئەتەر تىغىڭ نەۋائىي ئىشقىنى، [86:23.49]گەرچە ئوت ئۆچەر، ئەگەر سۇ ساچىلۇر. [86:56.66]داستان [87:02.90]بىرىنچى داستان [87:14.75]قايسى گۇلشەننىڭ يۈزۈڭدەك بىر گۇلى رەئ‍ناسى بار، [87:35.05]قايسى گۇلنىڭ بىر مەنىڭدەك بۇلبۇلى شەيداسى بار. [88:23.45]ھۇر بىرلە جەننەتۇل مەئ‍ۋانى كۆڭلۈم نەيلەسۇن، [88:46.27]يارنىڭ كويىدا يۈز مىڭ جەننەتۇل مەئ‍ۋاسى بار. [89:33.90]يۈزى ئۈزرە كالۇلۇ زۇلفىن پەرىشان كۆرگەلى، [90:06.59]ئەي سەئىد، ئاشۇفتە كۆڭلۈمنىڭ ئەجەب سەۋداسى بار. [90:47.99]ئىككىنچى داستان [94:20.95]ئەي سەنىڭ جادۇ كۆزۈڭ سەر فىتنەئى ئاخىر زەمان، [94:30.80]لەبلەرىڭدۇر خەستە كۆڭلۈمگە ھەياتى جاۋىدان. [95:00.88]ئەي قۇياش يۈزلۈك سەنەم، ھالىم كۆرۈپ رەھم ئەيلەكىم، [95:11.81]يەتتى كۆككە ھەر نەفەس ھەجرىڭدە فەريادۇ فىغان. [95:41.29]گەر خەيالىڭ بولسا مىھمان كۆڭلۈم ئۆيۈندە دەمى، [96:02.49]ئەيلەگەي يۈز سارى ھەر دەم كۆزلەرىم گەۋھەر فىشان. [96:32.83]دەدىم:«ئەي جان، دەردىمە ۋەسلىڭ بىلەن بىر چارە قىل»، [96:43.64]كۈلۈپ ئايتۇر:«ئەي ھۈسەينىي، تۇتما مەندى بۇ گۇمان». [99:36.65]ئۈچىنچى داستان [99:37.31]نازلىق دىلبەر، بىر سۆزۈم ئايتايىن، [99:47.66]چەرخى فەلەك، كۆر نە جەفا ئەيلەدى. [99:57.27]بىراۋگە كىيگۈزۈپ تاجى خۇسرەۋىن، [100:07.57]بىراۋنى ئەل ئىچرە گەدا ئەيلەدى. [100:23.71]فەرھادو شىرىن بىلەن ۋامىقۇ ئۇزرا، [100:33.72]ئۇلارنىڭ باشىدا مىڭ تۈرلى سەۋدا. [100:43.40]بارچەنى ئۆلتۈرگەن ۋەفاسىز دۇنيا، [100:53.74]ئاخىرى بارچەنى فەنا ئەيلەدى. [101:09.71]لەيلالۇ مەجنۇن دەرلەر، ئالەمگە ئۇستاد، [101:20.27]جەھاننىڭ غەمىدىن بولمادى ئازاد. [101:29.59]نازلىق دىلبەر، ئىشىت، بۇ چەرخى ناشاد، [101:39.78]بۇ غەرىب جانىمغا جەفا ئەيلەدى. [104:28.89]تۆتىنچى داستان [104:38.44]ئىزدەدىم كۆڭلۈمنى جانان گۈلشەنىدە جان بىلە، [104:52.39]نەچە ئ‍اختارسام كەتىپتۇر بۇ كۆڭلۈ جانان بىلە. [105:18.76]ئاھ، نەيلەي، جان بىلە قالدى بەدەن، كەتتى كۆڭۈل، [105:32.45]كىم قالىپدۇر بۇ جەھاندا مەن كەبى ئارمەن بىلە. [105:59.13]زۇلف قۇللابىغا بۇ جانۇ كۆڭۈل بولدى ئەسىر، [106:22.00]تەلبە قۇشتەك تەلپىنۈر ھەر دەم نەۋا ئەفغان بىلە. [106:48.39]زار مەجنۇنغا ۋىسالى بولسا مۇمكىن، نە ئەجەب، [107:02.74]مەرھەبا قىلسا نىگارى لۇتف ئىلە، ئىھسان بىلە. [112:18.20]مەشرەب [112:18.37]بىرىنچى مەشرەب [112:18.97]گوياكى كۆڭۈل سەرھەدى باغى ئەلەمىمدۇر، [112:36.30]ئاشىقمەنۇ دۇنيانى سۇ ئالسا نە غەمىمدۇر. [112:55.11]بەرقىلكى فەلەككە چەكەدۇر شۇئ‍لەئى ئاھىم، [113:13.21]فەريادى قىيامەتدە نىشانى ئەلەمىمدۇر. [113:32.38]يول باشلاغۇچى، كەئ‍بە تەۋافىغا نى ھاجەت، [113:50.71]ھەر خارۇ خەسى دەشتى سەۋدادى ھەرەمىمدۇر. [114:09.40]زۇننارىنى بوينۇمغا سالىپ قىلدى بەرەھمەن، [114:27.83]ئەي تەلەب ۋەلىلىي، نە ئاجايىپ سەنەمىمدۇر. [114:46.66]ساڭا يۈز شۇكر، يارەب، بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ، [115:01.67]فەقىر، مىسكىنغە ئول ئابدۇرەشىدخاننى پەناھ قىلدىڭ. [115:25.29]نەفىسىي، كەچە گۈندۈز شۈكرى قىل تەڭرى تەقەددۇسغا، [115:40.46]كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا، قاتىغ گۇناھ قىلدىڭ. [116:03.92]ھەق يولىدا جان كەچىپ بىر جۇستىجۇيى قىلمادىم، [116:15.82]تەۋبە سۇيىدىن تەنىمنى شۇستىسۇيى قىلمادىم. [116:28.03]ۋاھ، نەچۈك مەقبۇل بولغاي بۇ نەمازىمكىم مەنىڭ، [116:39.60]چۈنكى خۇنامى جىگەر بىرلە ۋۇزۇيى قىلمادىم. [116:52.23]ئۆتدى ئۇمرۇم دۇنيانىڭ مەسلەھەتىدىن، ۋادەرىغ! [117:03.72]ئاخىرەت ئەسبابىدىن بىر تار مۇيى قىلمادىم. [117:40.12]ئىككىنچى مەشرەب [117:40.88]يانە ياز بولدىيۇ بوستان نەشۋۇ نەما، [117:52.83]ئەي نەسىمى روھپەرۋەر، خەيرى مەقدەم، بەرھابا. [118:08.23]ئەمدى خۇشتۇر ماھپەيكەرلەر بىلە گۇلگەشتكىم، [118:19.64]باغى رىزۋانتەك چەمەن بولدى لەتىفۇ جانفىزا. [118:34.63]ئۇشمۇنىڭتەك فەسلدە مەن ۋەسلى دىلبەردىن يىراق، [118:46.25]ئەسرۇ زۇلم ئولغاي، ئىلاھا، تۇتماسۇن تەڭرى رەۋا. [119:01.22]خاھ ئۆلتۈر، خاھ تىرگۈز، ئىختىيار ئىلكىڭدەدۇر، [119:12.64]ئول سەنىڭ نازۇ ئىتابىڭغا مەنىڭ جانىم فىدا.