作词 : Abduhelil Abdukiram 作曲 : Abdusami Arkin يادىڭدا بولسام يەنە بىر ئاز كۈت دىمە جانىم، قاچان كىلىشىڭنى سورىسام. تولماقتا بۇ سەۋىر ئاسمانىم، ھالىمغا يەت يادىڭدا بولسام. كەتكىنىڭنى يىللاردىن سورا، شاھىدى ئۇ قانچە باھارنىڭ. سۇلغان گۈلدە ئەكسى بار قارا، ۋەدىسىنى ئۇنتىغان يارنىڭ. كۆزدىن يىراق كۆڭۈلدىن يىراق، دەيدۇ كۆڭلۈم سىنى ئويلىسام. سەندىن كەچمەك مۈشكۈلدۇر بىراق. ھالىمغا يەت يادىڭدا بولسام.