作词 : XXM/TiLSiM 作曲 : XXM مەلىكەم سۆيگۈمنى ئويغاتتى ئەتىرىڭنىڭ پۇرىقى سەن بىلەنلا جىلۋە قىلىدۇ قۇياشنىڭ يورۇقى ھىچكىمگە ئوخشىمايدۇ تاتلىق ئوماق قىلىقى جىنىمنى يايرىتىدۇ ئەركىلەپ قىلغان سورىقى ئەي جىنىم خاتىرجەم بول مەن سىنى سۆيىمەن بارچە ئۇتنى ئۆچۈرۋىتىپ سىنىڭكىدە كۆيىمەن مىنىڭ بۇ سەبىئىى يۈرۈكۈم بىر سۆزۈڭگە گول بولدى كۆزۈمنى ئىتىپ قويۇپ سىنى قەلبىمدە كۆرىمەن تاپمىدى كۆڭلۈم ھىچ ئارام كۆيۈپ جانىم بىر ساڭا سەندىن باشقاھىچكىم يوق يۈرۈگىمگە بىر قارا ھەي! گۈزەل قىز چۈشلۈرۈمدە چاقنىغان سەن، مەن ئاتلىق شاھزادەڭ مەلىكەمدۇر سەن، سەن ماڭا مەن ساڭا ھەمراھ بوپ رازىمەن بىر سىنى سۆيۈشكە رازىمەن ئۆۈلۈشكە، سانسىز چاقنىغان يولتۇزنىڭ ئىچىدە ئەڭ گۈزەل تىلەكنى ساڭىلا تىلەي، مەن ئاشىق سىنىڭ سەبىي كۈلكەڭگە، ھەم تەقەززا سىنىڭ مەن بىلەن بىرگە ئۆتۈشۈڭگە مىنى سۆيۈشۈڭگە، خاپا قىلىپ قويساممۇ نازۇك دىلىڭنى خۇمار كۆزلۈرۈڭنى، ئامراقمەن سىنىڭ قايتا كۈلۈپ تۇرۇپ كەچۈرۈشلۈرۈڭگە، قىينايسەن قىيدايسەن سۆيىمەن سىنى تىكىلدىم كۆزۈڭگە، يۈزۈڭگە ساڭىلا مەنسۇپ تەبەسسۇم تەشنا مۇڭلۇق ئۈنۈڭگە، چۈشۈمدە گويا سەن لەيلى مەن گويا مەجنۇن سىنىڭ چۈشۈڭدە،