作词 : Muhammatjan Rashidin 作曲 : Rozi Yasin يار ئۆزۈڭنى ياد ئېتىپ ئويغاق ياتاي سەن كەلگىچە، تاڭ سەھەر تورغاي بولۇپ قوشاق قاتاي سەن كەلگىچە. سەن راۋا كۆرسەڭ ئەگەر دەريادا كۈتمەكنى سېنى، مەيلى دەريالار ئارا ئاقسام ئاقاي سەن كەلگىچە. تەمتىرەپ يۈرمە نىگار تەنھا دىلىمنى يىغلىتىپ، تۈندە كەلسەم، يولۇڭغا چىراغ ياقاي سەن كەلگىچە. مېنى سەن قىلدىڭ قەلەندەر كەچمىشكە مۇپتىلا، بۇ جاپا ئۆلتۈرسىمۇ تاتسام تارتاي سەن كەلگۈچە .