作词 : NAPAS 作曲 : NAPAS ھايات قىسقا ، يولۇڭ ئۇزۇن مەنزىلىڭ بەك يىراقتا . چۇقۇم كۈلىمەن دەپ ئويلىغان ، بەلكىم سەن بىر ۋاقىتتا . ئۇلار ئاددى ئىنسانلار سەنمۇ ھە ئۇلارغا ئوخشاش . غەم قايغۇدا ئۆتىدۇ كۈنۈڭ بەختسىز سەن نېمىشقا ؟ بەلكىم دوستۇڭ يوقتۇر سېنىڭ، كۈنلىرىڭ مەنىسىز كۈلكە چاقچاق يىراق سەندىن ، كۆپ ئىشلاردا تەدبىرسىز بوزەك بولۇپ ياشاۋاتىسەن ، بۇ رەھىمسىز تۇرمۇشقا . كېسىپ ئۆتسەڭ ، دەريادىن قارشى تەرەپ بىر دېڭىز . ئاھ ئۇرمايمەن يىغلىمايمەن دەپ ياشىغانتىڭ بىر مەھەل مۈشكۈلاتقا ئۇچرىغاندا ، ئىرادىلىك ، شۇ قەدەر . تەقدىرىڭگە يېزىلغاندەك يولۇڭدا توساق  كۆپ پاك تېنىڭنى چىرمىۋالدى ، تۇيۇقسىز بىر كېسەل . ئۈمىد ئارزۇ ، ئىشەنچىڭ شۇنىڭ بىلەن يوقالغاندەك . خۇشاللىقىڭ ئورۇن بوشىتىپ غەم قايغۇغا قېتىلغاندەك روھسىز تېنىڭ مەھبۇسلاردەك  نۇرىنى يوقاتقان . خۇددى سەن بىر جاۋابكار بولۇپ سوراققا تارتىلغاندەك روھسىز تېنىم ئىزدەيدۇ ، بىرسىنى . قايتىپ كەلگىن يېنىمغا سەن قېنى . ھايات شۇنداق ئەگرى توقاي ، مۈشكۈل سىناق ئالدىڭدا . چۈشكۈنلۈشۈپ كەتمە ، ھەرگىز ئېغىر كۈندە قالغىنىڭدا . ئەركەك تۇرۇپ ئاھ ئۇرمىغان ، ماس كەلمەيدۇ زاتىڭغا . ھەرگىز بەلنى قويۇۋەتمىگىن يېتەلەيسەن نىشانىڭغا . بۇنداق روھسىز ياشاۋەرسەڭ بولۇپ قالىسىز ساھىل . ئېسىل ياشىساڭ باشقىلارنى قىلالايسەن . قايىل . خەق نېمە دېسە دېمەمدۇ پەرۋا قىلما غەيۋەتكە، ئەنە شۇنداق كىشىلەر مېنىڭ ھۆرمىتىمگە نائىل . يالغۇز ياشىغىلى خېلى بولدى ، باش ئاغرىقتىن نېرى . مېنىڭ بۇرۇنقى شاشلىقىم يوقۇلۇپ كەتتى خېلىدىن بېرى . يۈرەك مۇز تۇتۇپ قارداپ كەتتى ئەمدى قايتاتەۋرىمەيدۇ بۇ يۈرەكنىڭ مۇزلاپ كېتىشى يالغۇزلۇقۇمنىڭ سىرى . ئۆتمۈش بولۇپ قالسۇن ، ئەمدى ئۇ ئىشلارنى ئويلىما . كۈلەلمىسەڭ بولدى ، مەيلى ئۆزۈڭنى كۈلۈشكە زورلىما . قۇياش قايتا كۆتۈرۈلىدۇ ، ئىللىق نۇرنى چاچىدۇ . سېنىڭ ئاشۇ  روھسىز تېنىڭ يوقىلىپ كەتسۇن ، يىراققا . روھسىز تېنىمىز دەيدۇ ، بىرسىنى . قايتىپ كەلگىن يېنىمغا سەن قېنى . چۇقۇم كۈلىسەن ، بىر كۈنى ھەيران قالىدۇ  ھەممىسى . غەم قايغۇدا ياشىمايسەن ، باھار كېلىدۇ شۇ كۈنى . ئەتراپىڭغا قاراپ دەيسەن ، مەن قايتىپ كەلدىم دەپ . روھسىز تېنىم يوقال ، يىراققا ئېلىپ قاچمىغان كۈلكەمنى .