作词 : NAPAS 作曲 : NAPAS يامغۇر ياغدى شارقىراپ بۇ كېچىدە . ئۆزۈم يالغۇز سەيلە قىلىمەن مەھەللەڭدە . قوڭۇمدا چۈشۈمدە پەقەت بىر سەن . ماڭا ئورۇن يوقمۇ سېنىڭ يۈرىكىڭدە يامغۇر ياغدى شارقىراپ ، بۇ تىمتاس كېچىدە . ئۆزۈم يالغۇز سەيلە قىلىپ ماڭدىم ، مەن مەھەللەڭگە . ئوڭۇمدا ھە چۈشۈمدە پەقەتلا بىرسەن ماڭا ئورۇن يوقمۇ سېنىڭ يۈرىكىڭدە . ئاشۇ سوغۇق كېچىنى مەن ئۆتكۈزدۈم سۈرەت بىلەن . يوقتۇر سەن يېنىمدا يالغۇزلۇق ماڭا ھەمدەم . يامغۇر سۈيى تامچىلار ، شۇ يۈرەك رېتىم بىلەن . كېچىنى ئۆتكۈزدۈم ، مەن قايغۇلۇق كۈلكە بىللەن يامغۇر ياغدى شارقىراپ بۇ كېچىدە ئۆزۈم يالغۇز سەيلە قىلىمەن مەھەللەڭدە ؟ ئوڭۇمدا ھە چۈشۈمدە پەقەتلا بىر سەن . ماڭا ئورۇن يوقمۇ سېنىڭ قەلبىڭدە ؟ يوقتۇر ، سەن يېنىمدا بۇ كۈن قانداق ئۆتىدۇ ؟ يۈرىكىمدىن سوراپ باقسام پەقەت سېنىلا كۈتىدۇ . غەملىرىم تۈگىمەيدۇ سەن قايتىپ كەلمىسەڭ . بۇ يۈرۈكۈم توختىماستىن بىر سەن ئۈچۈن سوقىدۇ . توغرا ، ساڭا چىن كۆڭلۈمدىن ھەقىقىي سۆيگۈ بېرەلمىدىم . مەن بىلەن ئۆتكەن كۈنۈڭدە ، ئېچىلىپ كۈلەلمىدىڭ . بارلىقىمنى بىلىمەن دەپ قىلچىلىك بىلمىدىم . سەن مېنى تاشلاپ كەتكەن بۇ كۈنگە كۆنەلمىدىم .