作词 : Merdan Eli 作曲 : Merdan Eli بىرخەت . بىر خەت يېزىپسىز جانان بولاي دەپ ئاشىق ئۆيىدە مىھمان بولاي دەپ بىر ئۆيدە بىر تەن بىر جان بولاي دەپ ئالدىم بۇ خەتنى قۇربان بولاي دەپ . مەن ئىنتىزارمەن كەلمەمسىز ئەمدى ئاشىق قەدرىگە يەتمەمسىز ئەمدى ۋەدىگە ۋاپا ئەتمەمسىز ئەمدى ئېيتقان ئۆزىڭىز قۇربان بولاي دەپ بىر باغدا ئۆسكەن رەيھان بولاي دەپ . باغلاپ بىلىمگە بەلۋاغلىرىمنى ئاجايىپ ياساتتىم گۈلباغلىرىمنى باشلاپ ئۆيۈمگە دوس يالىرىمنى خىزمەتكە چۈشتۈم چاققان بولاي دەپ . ئىشقىم يوشۇرماي داناغا ئېيتتىم شەيدالىقىمنى بەرناغا ئېيتتىم قەدرىمنى بىلگەن دوسلاغا ئېيتتىم ئەل ئىچىدە داستان بولاي دەپ