作词 : Qimangul Awut 作曲 : Omar Osman شۇنچە خۇش پۇراق بىر گۈل بولغان ئىكەن ، بۇلبۇلى مۇڭلۇق سايرايدىغان . سۆيگۈ مۇھەببەت ئارمانلىرىنى ، باغۋىنى پەقەت بىلمەيدىغان . تۇساتتىن قۇيۇن قايرىپ شاخىنى ، گۈلنىڭ بەرگىنى قىلىپتۇ ۋەيران . ئاھ بىچارە گۈل يىغلاپتۇ زار زار ، قېنى بۇلبۇلى كەتكەندۇ قايان. باغۋەن ئاۋايلاپ گۈلنىڭ بەرگىنى ، قارا تۇپراققا كۆمۈپتۇ پىنھان . كۆكلەم يامغۇرى ياققان كۈنلەردە ، بەلكىم شۇ گۈلدۇر خۇش پۇراق چاچقان .