作词 : Askar Muhtar 作曲 : Askar Muhtar سەنئەت بىلەن ئۆمرى ئۆتكەن ، ئەلنى سۆيگەن ئەلمۇ ھەم سۆيگەن. ئەلدىن ئېلىپ ئەلگە تۆككەن ، مىھرى ئاتەش چولپانلىرىم. مىسكىنلەنىڭ دەردىگە دەرمان، ناخشا بىلەن قالدۇرۇپ ئارمان. بارچە ئەلنىڭ بۇلبۇلى بولغان ، پاششا قىزدەك چولپانلىرىم. سەردارى بوپ مۇڭ كۈيلەنىڭ، دىلنى ئەزگەن كۈڭۈللەنىڭ، ياشلاپ شۇنچە مىڭ كۆزلەنى ، نۇرىكامدەك چولپانلىرىم. ئىلى دەريا شاۋقۇنىدەك، سادا ئەيلەپ ھەيۋەت بىلەن. سايراپ تۇرغان گۇيا بۇلبۇلدەك، داۋۇتجاندەك چولپانلىرىم. مۇقام بىلەن ئەيلەپ ناۋا ، سادا قىلىپ باغلار ئارا ، ئاپىرىن دەپ قالغان ئاۋام، ئابلىزكامدەك چولپانلىرىم.