作词 : Tursun-xayih 作曲 : Tursun-xayih بەھەيۋەت تاغ دالا سۈپسۈزۈك ئاسمان پايانسىز دەريا كۆل باغ ئېتىز ئورمان مەن ھەجەپ قوينۇڭدا شۇنچە شادىمان ئاھ تارىم تەڭرىتاغ ئەي تەكلىماكان جان بولسا جاھاندا ئاش بولسا قازان ۋە لېكىن يات ئەلدە سۈرمۈدۈم دەۋران ھاياتىم بۈشۈگى ئەي ئانا ماكان سېنىڭسىز ياشىماق خارلىقتۇر ھامان يەنە ساڭا كەلدىم شۇنچە يىراق ئەلدىن سالام ساڭا مەندىن ئاھ ئانا ماكان ئايرىما ئايرىما بولساملا مەن ئايرىما يۇرتتىن ئايرىلغان يامان قايرىما ۋەتەن كۆكىدە سەيلا قايرىما قايرىما قاناتىڭ زامان يەنە ساڭا كەلدىم شۇنچە يىراق ئەلدىن سالام ساڭا مەندىن ئاھ ئانا ماكان