作词 : Rana-Mijit 作曲 : Rana-Mijit بولماق بولساڭ ئەگەردە بىر گۈل . لايىقىدا تىكىنىڭ بولسۇن . بىۋاپالار ئۇزاتسا گەر قول . تىكەنلىرىڭ سانجىلىپ ئۆلسۇن . بولماق بولساڭ ئەگەردە بىر گۈل . گۈللەرگە خاس پۇرىقىڭ بولسۇن . خوش پەزىلىتىڭدىن تارىغان پۇراق . ھېيت لىغاندا دىماقتا قالسۇن . بولماق بولساڭ ئەگەردە بىر گۈل . چىن مۇھەببەت يىلتىزىڭ بولسۇن . ساڭا دەرمان بېرەلەيدۇ كىم . ۋاپايىڭ كىم ئېسىڭدە بولسۇن. بولماق بولساڭ ئەگەردە بىر گۈل . تاڭدا مەيىن سابايىڭ بولسۇن . گۈل بەرگىنى سۆيگەندە سابا . ئۇنداق بەخت قۇياشىڭ كۈلسۇن .