作词 : ahmat eli/Rukiya Barat 作曲 : ahmat eli 编曲 : ahmat eli گۈزەللىكتە سەن تەڭداشسىز ئايمۇ پەرىمۇ ياكى باھارنىڭ خۇشپۇراق قىزىل گۈللىمۇ ھو ھوي قىزىل گۈللىمۇ ئاشىق مەپتۇن بولدۇم دىمۇ ئىللىق سۈزۈڭگە راسنى ئېيتسام ساڭىمۇ كۈيەر مىنىڭ كۆڭلۈممۇ ھو ھوي مىنىڭ كۆڭلۈممۇ ئەقىدەمگە پاك سۆيگۈمگە ئىشەنگىن ئىشەن پىراقىڭدا زار ئەيلىگەن شەيدا بۇلبۇلمەن ئىشەندىم يار ھاياتلىق بوستانىڭغىمۇ كۈلۈپ ئېچىلغان خۇشپۇراق قىزىل گۈلۈڭمەن ھو ھوي قىزىل گۈلۈڭمەن سەن گۈل بولساڭ ئەگىپ ئۇچۇپ كىپىنەك بۇلۇپ قوناي دەيمەن پورەكلىگەن غۇنچە بەرگىڭگە ھو ھوي غۇنچە بەرگىڭگە ئىشەندىم بۇ قەلبىڭگە يار ئىللىق مىھرىڭگە ئىشەندىم ئەقىدەڭگە سىنىڭ سۆيگۈڭگە ھو ھوي سىنىڭ سۆيگۈڭگە ئۈتەيلى بىز ئايرىلماي كىپىنەك گۈلدەك ئاشقاي شۇ چاغدا بىزدىكى ئارزۇ ۋە تىلەك ئۆتكەي رىشتىسى ئۈزۈلمەي بىر جۈپ قوش يۈرەك قۇچاق ئاچقاي ئىككىمىزگە گۈزەل كىلەچەك