作词 : TRN-TARAN 作曲 : TRN-TARAN 3Pede Trouble-Taran/Young-Xamxy/New-Problem Hook:Trouble-Taran ئۆگزەڭدە كەپتەر بالىخان داننى جىق سېلىپ بەر . تاماكاڭنى چەكمەيمەن ، ماڭا يارىمنى تېپىپ بەر . ئاينىڭ بالىسى كۈننىڭ بالىسى كۆرۈۋالمىسام بولماس . ياخشى يارنى تاپقاندا سۆيۈۋالمىسام بولماس . Verse:Trouble-Taran ئاينىڭ بالىسىمۇ سەن ياكى كۈننىڭ بالىسىمۇ سەن، پەرۋايىم يوق مېنىڭكى قولغا كەلتۈرسەملا مېنىڭ بولىسەن، كەينىڭدىن قوغلاپ ئاقسۇغا يەتسەم ئىندەككە كەلتۈرۈپ غۇلجىغا كەتسەم . ئاتاڭنى رازى قىلىپ ئارمانغا يەتسەم ، ئامال يوق ياتلىق بولىسەن . تەقدىرىڭگە بويسۇنمايمەن ، مەغلۇبىيەتكە قول سۇنمايمەن . ئۇنىمىغىنىڭغا مەن ئۇنىمايمەن ، تەلەپلىرىڭنى تونۇمايمەن . ئاخماق قىلىپ ياخشى كۆرىمەن دەپ قويسا خەقنىڭ ، گېپىگە شۇنچە تىز ئىشەندىڭمۇ . ئەجەب قىلدىڭ دېمەيمەن ، ھامان بىر كۈنى ئەجەب قىلىپتىكەن دەپ قالىسەن چۈشەندىڭمۇ ؟ پۇشايماننى دۈشمەن قىلماي ، كەلگۈسىڭنى ئويلاشقىن، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز قويۇپ بولدى مەن بىلەن تويلاشقىن . ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە سەن بىلەن ئۆتەي . كەلگۈسىڭگە يولۇچى بولۇپ بىر سېنىلا كۈتەي . Hook:Young-Xamxy ئاپاق ، ئاپاق ، توشقانلار سايدا ئوينايدۇ . ئۆيلەنمىگەن ياش يىگىتلەر تويدا ئوينايدۇ . تويدا ئوينايدۇ، تويدا ئوينايدۇ، قېشىڭىز قارا چېچىڭىز ئۇزۇن ھالىمغا باقساڭچۇ . Hook:Trouble-Taran يارى بارلار ئوينايدۇ بىر بىرىگە قارىشىپ ۋاي قارىشىپ . يارى يوقلار ئولتۇرىدۇ ، ئوغرى مۈشۈكتەك مارىشىپ ۋاي مارىشىپ . يارى بارلار ئوينايدۇ بىر بىرىگە قارىشىپ ۋاي قارىشىپ يارى يوقلار ئولتۇرىدۇ ، ئوغرى مۈشۈكتەك مارىشىپ ۋاي مارىشىپ. End*