作词 : Mutalipjan Kawul 作曲 : AskarMuhtar ئازماي دىسەڭ ھاياتتا يامانلاردىن يىراق تۇر ئادەم سىياق مىھىرسىزئىنسانلاردىن يىراق تۇر قول بەرگەننىڭ ھەممىسى بىر ئۆمۈرلۈك دوست ئەمەس نەپ ئالدىدا دوستىدىن تانغانلاردىن يىراق تۇر لەيلالەر كۆپ ھاياتتا مەجنۇن بۇلۇپ سۆيگىدەك ۋاپاسى يوق قەسەمخور جانانلاردىن يىراق تۇر مەپتۇن بولما سۈزىگە كۈلۈپ تۇرغان كۆزىگە بىلىپ تۇرۇپ ئازاپقا سالغانلاردىن يىراق تۇر ئازار يەتمەس دىلىڭغا ئاگاھ بولساڭ تىلىڭغا سىر بەرگەننى يىغلىتىپ كۆنگەنلاردىن يىراق تۇر رىسقىڭ بىلەن ياشىغىن مىھىر بولسا دىلىڭدا مال دۇنيانىڭ ئوتىدا كۆيگەنلەردىن يىراق تۇر مال دۇنيانىڭ ئوتىدا كۆيگەنلەردىن يىراق تۇر