作词 : OSMANDJ 作曲 : DJUBULJAN 编曲 : Mr-Ubuljan ئۆزۈڭنى ئالدايسەن مىنى ئالدىساڭ، ئۆزۈڭنى خارلايسەن مىنى خارلىساڭ. بۇ دۇنيادا بىرگە بىر يېنىپ قالىدۇ بىلسەڭ، بىر كۈنى يىغلايسەن مىنى ئالدىساڭ. بۇ دۇنيادا بىرگە بىر يېنىپ قالىدۇ بىلسەڭ، بىر كۈنى يىغلايسەن مىنى ئالدىساڭ. مۇزىكا ھېچ كىشى سۆيمەيدۇ سىنى مەنچىلىك، نامەرتلەر قىلمايدۇ ساڭا ئادەمگەرچىلىك. ھېچ كىشى سۆيمەيدۇ سىنى مەنچىلىك، نامەرتلەر قىلمايدۇ ساڭا ئادەمگەرچىلىك. ئىشەنگەن تېغىڭدا ياتمايدۇ كېيىك، بەختىڭنى تاشلايسەن مىنى تاشلىساڭ. ئىشەنگەن تېغىڭدا ياتمايدۇ كېيىك، بەختىڭنى تاشلايسەن مىنى تاشلىساڭ. مۇزىكا مەن كەتسەم لىۋىڭنى چىشلەپ قالىسەن، كىلەر دەپ ئاي كۈنلەر ھەم ساناپ قالىسەن. مەن كەتسەم لىۋىڭنى چىشلەپ قالىسەن، كىلەر دەپ ئاي كۈنلەر ھەم ساناپ قالىسەن. تەلمۈرۈپ ئارقامدىن ھەم قاراپ قالىسەن، كەلمەيدۇ ئورنىغا بىر چاغ يىغلىساڭ. تەلمۈرۈپ ئارقامدىن ھەم قاراپ قالىسەن، كەلمەيدۇ ئورنىغا بىر چاغ يىغلىساڭ. كەلمەيدۇ ئورنىغا بىر چاغ يېلىنساڭ