作词 : Teshwish 作曲 : Teshwish بۇ مېنىڭ ھېكايەم ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان بۇ مېنىڭ ھېكايەم باشقىلار ئىشەنمەيدىغان ھەممە نەرسىدىن ئۈمۈد ئۈزۈپ ، ئۈمۈدسىز ياشاۋاتسام پەقەت مۇشۇ رەپ كۈچ بېرىپ ماڭا ئۆزۈڭگە ئىشەن دەيدىغان Verse1 2014 9 - ئاي ، يۈركۈمگە ئويۇلۇپ كەتكەن تامغا تىلىم بىلەن دىلىم ئوتتۇرسىدا، قېلىن كەتكەن ،پاسىل تام با ، سۆزۈمنى باشلايمەن، قەھىرىتاندەك ئۆتكەن ئاشۇ كۈزدىن ، خۇشاللىق يوق بۇ ئائىلىدە ، ھاياتتىن ئۈمۈدنى ئۈزدىم ، ئېسىمدە شۇ ۋاقىتتا ئۆيۈمدە، ئۇرۇش جېدەل نەچچە قېتىم مېنىڭ ھېكايەم بولۇپ چىقتى زەنجىر ئېيتقان (تىرىك يىتىم) ، تولۇق بىرگە چىقتىم ،بولۇپ كەتتىم خىيالچان دەتمەن ، ئويلاپ قالاتتىم بولۇپ قالارمۇ كېينكى ھاياتىم (سوۋغاتلىق كەتمەن). تولۇق ئىككىدىن باشلاندى ، كەيپىياتىمنى رەپ تەڭشەيدۇ ، ھەممە ئىشقا ئۈمۈدۋار بولدۇم ،ھاياتىمنى قايتا تەڭشەيمۇ ، سۆزلەپلا ئولتۇرىمەن ئۆي ۋە مەكتەپ، ھەتتاكى تالا ، چۈشەنمىگەنلەر مازاق قىلدى ،ساراڭ بولۇپ قالدىمۇ ماۋۇ بالا ، شەپكەڭ قېنى ،زەنجىرىڭچۇ ، رەپچىگە خاس كېيىنمەپسە ، نۇرغۇن سۆزلەر ئاڭلاپ كەلدىم ،ئىشقىلىپ ئارقىمدا گەپ بەك تولا ، مۇشۇ رەپ كۆرسىتىپ بەردى ، ئارزۇيۇمدىكى چوڭ قۇرۇلۇشنى ، [01:30.199 تېڭىرقاپ تۇرغىنىمدا ، بىلمىگەندە قايسىغا بۇرۇلۇشنى ، [01:33.450 يېقىن كۆرگەنلەرمۇ دېدى ،رەپچىمىش مۇشۇ ھالىغا ، مەيلى نەگىلا باراي يېنىمدا ،قەلەم دەپتەر بارى با ، ئويلىغان كۆرگەن ھېس قىلغاننى، يېزىپ كەلدىم خاتىرەمگە، ھەتتاكى يانماي يازدىم رەپنى ،ئالىي مەكتەپ سۇئالىغا ، Verse2 چاقىرىقنى ئۆزۈم ئالدىم ،گەرچە بولىمىسمۇ ئويلىغاندەك ، كۆپلەر دېدى تەلىيى كەپتۇ ،خۇددىي مەن 3 يىل ئوينىغاندەك ، كەتتىم نەچچە قېتىملاپ، ھايات يولۇمدىن ئەگىلىپ، ئەسلىمەي دەپ ئەسلىنىپ كەتتى، ئوڭىشسىزلىقلار تەگىلىپ. ئۇنتۇپ كەتتى مېنى كۆپلەر ،ئەمما ھەممىسى ئېسىمدە با، ئۇنتۇپ كەتتىم ئازاپنى دېدىم ،ئەمما ياستۇقتىكى يېشىمدا با ، ئوغۇل بالا ياش تۆكمەيدۇ ،كۆپ ۋاقىت چىشىمنى چىشلەپ كەلدىم ، ھەقىقىي ئۆزۈڭنى تاپالايدىكەنسەن، تۇرمۇش بەرگەن بېسىمدىلا ، ئېرىشىپ يوقۇتۇپ ياشاپ كەلدىم ،ھازىرغچە 19 يىل ، چوڭ بولغاننىڭ ئىپادىسى بەلكىم ،كاللامدىكى خىيال 19 خىل ، ئەركىن بولغۇم بار دېدى ،قىيماي تۇرۇپمۇ ،توسۋالمىدىم يولىنى، بىلمىدىم ھازىر ئەركىنمۇ ئۇ ،دوستۇم تۇتۇپتۇ ئۇنىڭكى قولىنى ، پۇلنى غەجلەپ بەرسەم، دوسلىقىمىز ئۈزۈلمگەن ، ئايرىۋالدىم راس يالغاننى ،ھەقىقىي دوسلۇق تېخى سۈزۈلمىگەن . مەيلى قانداق بولسۇن نەتىجە، قان بىلەن كىرگەن خۇيۇم با . ئەمدى پەقەتلا سۆيىمەن دەيمەن ،جۈپتۈمگىلا تويۇمدا . HOOK : بۇ مېنىڭ ھېكايەم ئۆزۈممۇ چۈشەنمەيدىغان بۇ مېنىڭ ھېكايەم باشقىلار ئىشەنمەيدىغان ھەممە نەرسىدىن ئۈمۈد ئۈزۈپ ، ئۈمۈدسىز ياشاۋاتسام پەقەت مۇشۇ رەپ كۈچ بېرىپ ماڭا ئۆزۈڭگە ئىشەن دەيدىغان