作词 : muhemmet mesut 作曲 : anwer memtimin ئۆچمەس مۇھاببەت تىكىستى:مۇھەممەد مەسئۇد ھەبىبى مۇزىكىسى:ئەنۋەر مەمەتئىمىن ئىجرا قىلغۇچى:مۆمىنجان ئابلىكىم تىكىسىت كىرگۈزگۈچى:ئابدۇراخمان سەن زىمىستان قىلغان قەلبىمگە، مەن باھارنى چىللىيالمىدىم. شىرىن چۈشتەك ئۆتكەن كۈنلەرنى، ئۇنتاي دىدىم ئۇنتالمىدىم . سەن كۆزۈمدىن يۈتكەندىن بىرى، ھەر كۈن سەبىر ھەر كۈنۈم كۈتۈش . بۇ ھىجرانغا قالدىم چىدالماي ، بەربات بولدى ھەر شىرىن چۈش . مەن بىلمەن كەلمەيسەن ئەمدى ، بارالمايمەن مەنمۇ ھەم پەقەت. ئۆكسۈشلەرگە  كۈمۈلۈپ قالدى، كۈل ئاستىدا چوغدەك مۇھاببەت. ∮مۇزىكا∮ بەخىتلىك بول دىگىنىم راستۇر، بەخىتلىكمەن دىگىنىم يالغان. ئۈمۈتلىرىم قالسىمۇ مۈزلاپ، سىھرىڭ بىلەن قەلبىم يانغان. ئۆتمۈش ئەمدى گۈزەل ئەسلىمە، ئاسىرالمىدۇق چىن سۆيگىمىزنى. بىز يىللارچە ئۈتەرمىز ئەسلەپ، يىللار ھامان ئۇنتار  بىزنى. مەن بىلمەن كەلمەيسەن ئەمدى ، بارالمايمەن مەنمۇ ھەم پەقەت. ئۆكسۈشلەرگە  كۈمۈلۈپ قالدى، كۈل ئاستىدا چوغدەك مۇھاببەت. ∮مۇزىكا∮ مەن بىلمەن كەلمەيسەن ئەمدى ، بارالمايمەن مەنمۇ ھەم پەقەت. ئۆكسۈشلەرگە  كۈمۈلۈپ قالدى، كۈل ئاستىدا چوغدەك مۇھاببەت. ∮مۇزىكا∮