作词 : NAPAS 作曲 : NAPAS ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى باشلانمايلا توزۇپ كەتتى . سەن ماڭا بەرگەن ۋەدىلەر ئەمدى قەيەرگە كەتتى . ئاشۇ چاغدا دېيىشكەن ئىدۇق ، ئەمدى مەڭگۈ ئايرىلمايمىز . مەيلى ئەجەلدىن سىگنال كەلسىمۇ باشقا يولغا قايرىلمايمىز . دېگەن ئاشۇ گەپلىرىڭ بەرگەن ئىدى ، چوڭقۇر ئۈمىد . ئەمما تۇيۇقسىز تاشلاپ كېتىشىڭ ئېلىپ كەلدى ، ئېغىر سۈكۈت . كۆڭلۈمدىكى دەرت ئازابلار ئىچىگە تولۇپ پاتمىغانتى  . سېنىڭ تاشلاپ كېتىشىڭ بىلەنلا خۇشاللىقىمۇ يوقالغانىدى . سەن خۇشال ياشىساڭلا شۇ ماڭا كۇپايە . كۆڭلۈمنى بەرگۈم يوقتۇر ، سەندىن باشقىغا  ئۆزگىگە . مەندىن كېچىپ كەتتىڭ ، يىراققا ، باشقىنى سۆيۈپسەن . ئەقىدەمگە قىلماي ۋاپا  ئۆزگە . بىلەن يۈرۈپسەن . بۇ ھاياتىمدا سەندىن باشقا ئۆزگىنى سۆيەلمەيمەن . سەنلا خۇشال بولساڭلا مەن ھەممىگە چىدايمەن . باشقىلارغا پەرۋايىم يوق ، سەنلا بار ، پەقەت قەلبىمدە . ئەتراپىڭدا پەرۋانە بولۇپ ، سېنى مەڭگۈ قوغدايمەن . بۇ سۆزلەر چىن يۈرەكتىن چىقتىمۇ زادى بىلمەيمەن . كۆڭلۈمدىكى شۇ قىزچاققا بەخت تىلىسەم دەيمەن . سېنى قايتا سۆي دېسەم ، رايىم قالمىدى ئۇقمايسە. ھاياتىمنى يۇمۇر دېسەم ، بىلىپ تۇرۇپ كۈلمەيسە، ھاياتىم توغرا بىر يۇمۇرغا ئوخشايدۇ . ئوقۇپ قويساڭ گاھىدا كۆزلىرىڭنى  نەمدەيدۇ . چۈشەنمەي سەن قىسمىتىمنى كۈلۈپ تۇرىسەن يىراقتا . ئەمدى سەندىن تىلەيدىغىنىم قالما ، ھەرگىز پىراقتا . hook سەن خۇشال ياشا قالمىغىن،سۈكۈتتە چۈنكى سەن بىر مەلىكە مەلىكە مەلى سەن خۇشال.ياشىساڭلا شۇ ماڭا كۇپايە ئەمدى ساڭا بەخت تىلەيمەن تىلەيمەن بىرسى سېنى مەندەك سۆيىمەن دېسە ھەرگىز ئىشەنمە . چۈنكى مەندەك سۆيەلمەيدۇ ، بۇنى ئوبدان بىلىسە. باشقىلارغا ئوخشىمايسەن ، ئۆزگىچە پۇراقلىق بىر گۈلسەن . گەرچە گۈلدەك بولساڭمۇ سەن، ھامان 1كۈنى توزىيسە توزىغاندا يېتىپ كېلىدۇ، ھاياتىمدىكى كۈز پەسلى . ئاشۇ ۋاقىتتا بىلىپ قالىسەن، چۈشىنىپ يېتىسەن ھەممىنى . باھار پەسلى كەتتى ، يىراققا ،كەلمەس ئەمدى قايتا . قىش پەسلىدە ئەسلەپ قالىسەن، ئۆتمۈشۈڭنى زار يىغلاپ . سەن خۇشال ياشا قالمىغىن،سۈكۈتتە چۈنكى سەن بىر مەلىكە مەلىكە مەلىكە سەن خۇشال.ياشىساڭلا شۇ ماڭا كۇپايە ئەمدى ساڭا بەخت تىلەيمەن تىلەيمەن ئەمدى مەن كۆڭلۈمنى، ساڭا قايتىلاپ بەرمەيمەن . سەن يېنىمدا يوق كۈنلەرگە ،مەن قەتىيلا كۆنەلمەيمەن . خۇشاللىقىمنى مەنمۇ ئەمدى قايتىدىن ئىزدەپ تاپىمەن . ئۇنتۇپ كېتىمەن ئۆتمۈشۈمنى . ساڭا بەخت تىلەيمەن . مۈشكۈلاتقا يولۇققاندا يوقىتىپ قويما ئۆزۈڭنى . قويۇق تۇمانلار چىرمىۋالمىسۇن بىغۇبارىم نە كۆزۈڭنى . ئېسىلىۋالماي ئۆتمۈشۈڭگە قايتىدىن باشلىغان ھەممىنى . ئامانەتنى يوقىتىپ قويماي ئوبدان ئاسرا ئۆزۈڭنى .