作词 : Perwaz 作曲 : TOR ئاسماننى قارا بۇلۇت باستى يامغۇر ياغدى شامالسىز كەچۈرگىن دەپ ۋارقىرىغۇم بار ، لېكىن ئاۋازىم جاراڭسىز بەزىلەر ئۈچۈن گۈزەل جاھان مەن ئۈچۈن بەئەينى دوزاق چىقىپ كەتكۈم بار بۇ يەردىن ، لېكىن قالدىم ئامالسىز چۈنكى مەن بىر ئاجىز بەندە ، ئۆتەلمەيمەن غەم قايغۇسىز ئەلۋەتتە مەندىمۇ مۇھەببەت بار ،يۈرەلمەيمەن تۇيغۇسىز كەيپىياتىم بەكلا چۈشكۈن ئامالسىز چارىسىز گويا تىك ياردىن چۈشكەن بۈركۈت، لېكىن قاناتسىز مەن نېمە قىلدىم؟ نېمە بولدۇم ؟ پەقەتلا چۈشەنمىدىم ئەتراپتىكى كىشىلەر ئەمەس ، ئۆزۈمگىمۇ ئىشەنمى بىلەلمىدىم ئېيتالمىدىم كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى ئەمدىلىكتە كىمگە ئېيتاي ، ئىچىمدىكى دەردلىرىمنى ۋەدىلىشىپ ، كۈتكەن كۈنلەرخاتىرەمدە ساقلاندى مەن كالۋانىڭ خىيالىدا رىشتىمىز چىڭ باغلاندى مۇھەببەت جەھەتتىن نازۇككەنمەن پاك قەلبىم يارىلاندى يۈرىكىمدىن مېھرىنى ئۆچتى سەمىمىيلىك پارلاندى سۆيگىنىم سەن ،بارلىغىم سەن، ئوماق مەلىكەم بۇ كۆڭلۈمنى چۈشەنگىن ئەي مېنىڭ ئەركەم ھاياتىمدا مەن پەقەت سېنىلا سۆيىمەن ئازابلانسام مەن رازى بىرسىنى كۈتىمەن پەقەت ئۇلا چىرايلىقتۇر كۈرمىڭ قىزنىڭ ئىچىدە ئەگەر بىركۈن كۆرمىسەم ئۇنى ئۇخلىمايمەن كېچىدە كۈنلەپ قالىمەن گەرئۇ قىلسا باشقا بىرىگە تەبەسسۇم پەقەت رەنجىتمەيمەن ئۇنى گەر رەنجىسەم چاقماق ئۇرسۇن دەرس ۋاقتىدا ئولتۇرىمەن ، پەقەت ئۇنىڭغىلا قاراپ قاراپ ئولتۇرىمەن ، كۆزلىرىگە كىتاب ئارىسىدىن ماراپ تاراپ كىردى يۈرىكىمگە مۇھەببەتنىڭ نىداسى ماڭا بىباھا بايلىقتۇر ئۇنىڭكى سىماسى ھەر كۈنى مەكتەپتىن يانغاندا بىللە قايتايلى دېگۈم بار چۈشلىرى مەكتەپتە قىپ قالغاندا بىللە تاماق يېگۈم بار ھازىر ھەممە ئوغۇللار ئۇنى سۈرئەت بىلەن تالاشماقتا مېنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن يۈرگۈم بار ، مەندە جۈرئەت كەم بولماقتا دوستلۇقىمىز بۇزۇلمىسۇن دېدى يېقىملىق كۈلۈپ ئەمدى پۇرسەت يوقلىقىنى ئاخىرى يەتتىم بىلىپ يۈرەكنى دوغا تىكىپ قويۇپ يۈرۈپتىمەن ، خىيال سۈرۈپ قانداق قىلاي ، ماقۇل دەيمۇ يا كېتەمدىم يۈز ئۆرۈپ سۆيگىنىم سەن ،بارلىغىم سەن، ئوماق مەلىكەم بۇ كۆڭلۈمنى چۈشەنگىن . ئەي مېنىڭ ئەركەم ھاياتىمدا ، مەن پەقەت سېنىلا سۆيىمەن ئازابلانسام مەن رازى بىرسىنى كۈتىمەن ئەيىبىڭنى تۈزۈتۈپ بەرگۈم بار ، لېكىن بۇيرۇق سوقۇشىنى ياقتۇرمايمەن ساڭا بولغان ئىشەنچىم چوڭقۇر ، شۇڭا ھېچ نەرسەڭنى ئاختۇرمايمەن چۈنكى مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن ، ئەركىن بولسىكەن دەيمەن ئالدىڭدا ھېچ قىلمىغان بىلەن داۋاملىق غېمىڭنى يەيمەن دوستلۇرۇمنىڭ ئالدىدا سەن بىر گۈزەل جەلپكار دوستلىرىڭنىڭ ئالدىدا مەن بولۇپ قاپتىمەن مەدىكار سەن بىر گۈزەل قىز بولساڭمۇ نىيەتلىرىڭ ئىكەن قارا سېنىڭ دەردىڭدە بولدى بۇ يۈرۈگۈم قامچا يار چىقىپ كەتكەن چۈشۈمدىن ئۇخلىيالماي ھالىم يوق بەرگەن ئازابىڭ بەك ئېشىپ كەتتى تارتماققا ئىلاجىم يوق ساڭا كۆرۈنمەي دېسەم ، جاھان تار ئامالىم يوق بۇنچىلىك قىينىما مېنى قىلچىلىك گۇناھىم يوق ئارزۇ قىلىمەن بۇ ئىشلار پەقەت چۈش بولۇپلا قالسا تىلەيمەن ، خاتىرەمنى يوقىتىپ يېڭى قەدەم ئالسام تارتقان دەردىمگە بىر ئۆمۈر رازى ، ئۇ مەندەك بولالىسا بولۇپتۇ كەتسەڭ كېتىۋەر سېنى خۇشال قىلالىسا سۆيگىنىم سەن ،بارلىغىم سەن، ئوماق مەلىكەم بۇ كۆڭلۈمنى چۈشەنگىن . ئەي مېنىڭ ئەركەم ھاياتىمدا ، مەن پەقەت سېنىلا سۆيىمەن ئازابلانسام مەن رازى بىرسىنى كۈتىمەن بۇ جەمىيەتتە چۈشۈپ كەتتىمۇ ، ساداقەتنىڭ باھاسى ياكى قالمىدىمۇ ، مۇھەببەتنىڭ خېرىدارى ئۆرلىدى ، ئۆستى ، كۆپەيدى ،كۈچەيدى يۈز ئۆرۈشنىڭ باناسى بەلكىم ئايرىلىشتۇر سۈكۈتۈمنىڭ مەناسى يوقاتتىم سۆيگۈنى، يوقاتتىم مېھىرنى ،يوقاتتىم ئۈمىدنى، يوقاتتىم كۈلكىنى ،يوقاتتىم شاشلىقنى ،يوقاتتىم ياشلىقنى يوقاتتىم سېنى، يوقاتتىڭ مېنى بوپتۇ كەتتىڭ قالدىم يالغۇز ئۆلگىچە مۇشۇنداق يۈرەلەيمەن ئەركىنلىكىڭ ئۆز قولۇڭدا مەن يەنە نېمە دېيەلەيمەن ھايات سىناقلىرىغا باش ئەگمە ئۈمىدلىك بولۇپ پاك ياشا ناچار ئىشقا بېرىلمەي ، مەغرۇرلانماي پاكىز ياشا بىلسەڭ ساڭا مېھرىم چوڭقۇر ، چىن يۈرەكتىن كۆيىمەن لېكىن كۆڭلىمىز يىراق پەقەت چۈشۈمدىلا سۆيىمەن كونىلار بەكلا توغرا دەپتىكەن ، كۆنگەن دېگەن يامان باشقىلارغا نېمە ئىش قىلساڭ يانىدۇ ھامان مۇشۇ كۈلپەت سېنىڭ بېشىڭغا كەلمىسە دەيمەن خەير بوپتۇ سۆيگۈنۈم ساڭا مەڭگۈ بەخت تىلەيمەن سۆيگىنىم سەن ،بارلىغىم سەن، ئوماق مەلىكەم بۇ كۆڭلۈمنى چۈشەنگىن ئەي مېنىڭ ئەركەم ھاياتىمدا مەن پەقەت سېنىلا سۆيىمەن ئازابلانسام مەن رازى بىرسىنى كۈتىمەن