作词 : Hasanjan tiliwaldi 作曲 : Bahtiyar-Tayir كۆيۈشكەندە تەڭ كۆيۈپ يار كۆڭلىڭنى ئالغانمەن ئاشۇ غەمسىز كۈنلەردە سېنىڭ بىلەن قالغانمەن ئايرىلمايمىز دەپ ئويلاپ ساڭا مەپتۇن بولغانمەن ئەمدىلىكتە مېنىڭدىن تانغىنىڭغا ھەيرانمەن بىز تونۇشقان چاغلاردا يېگەن ئىدىم غېمىڭنى بىر ئۆمۈرلۈك يار بىلىپ كۈتكەن ئىدىم مىھرىڭنى يىللار ئۆتتى، ئاي ئۆتتى بىلەلمىدىم سىرىڭنى باشتا قىلغان ۋەدەڭدىن يانغىنىڭغا ھەيرانمەن مۇزىكا سېنىڭ ئۈچۈن زار بولغان يۈرىكىمنى چۈشەنمەي بەخت ئۈچۈن تەڭ باسقان قەدەملەرگە ئىشەنمەي سېغىنساممۇ ھىدىڭنى يېنىمغىمۇ بىر كەلمەي مەندىن شۇنچە يىراقلاپ قاچقىنىڭغا ھەيرانمەن مۇزىكا كۆيۈشكەندە تەڭ كۆيۈپ يار كۆڭلىڭنى ئالغانمەن ئاشۇ غەمسىز كۈنلەردە سېنىڭ بىلەن قالغانمەن ئايرىلمايمىز دەپ ئويلاپ ساڭا مەپتۇن بولغانمەن ئەمدىلىكتە مېنىڭدىن تانغىنىڭغا ھەيرانمەن