作词 : Bahtiyar-Tayir 作曲 : Bahtiyar-Tayir كۆزۈڭگە ئىلماي ۋاپاسىز يايرىم سۆيدۈڭ باشقىنى تاپقىنىڭنى كۆرەرمىز بىر كۈن مەندىن ياخشىنى كېپىنەكلەرگە خار ئەمەس بۇلبۇل، چۈشەنسەڭ بۇنى تاپارمەن بىر كۈنى مەنمۇ كۆڭلۈمنىڭ نازۇك گۈلىنى يىتەرسەن قەدرىمگە يار ھامان چۈشنىپ يىغلارسەن شۇ چاغدا بەلكىم ئۆكسۈپ ئۆكۈنۈپ ئورنىغا كەلمەس ھەرگىر پۇشايمانلىرىڭ ئاللىبۇرۇن سۆيگۈ گۈلۈم بولار تۆكۈلۈپ ئۆمرۈمنى ئاتاپ ئەقىدەم ئۈچۈن سۆيگەنتىم سېنى كۆزۈمنى ياشلاپ ھەسرەتلەرگە تاشلىدىڭ مېنى چۈشىنەلمىدىم ھىچ، مېنى تاشلىغان قارا كۆڭلۈڭنى ئېيتقىنا يايرىم ماڭا بەرگەن ۋەدىلەر، ۋەدىلەر قېنى