作词 : Bahtiyar-Tayir 作曲 : Bahtiyar-Tayir سۆزلىرىڭنى ئاڭلاپ يايرىم بەكمۇ خۇش بولدۇم كۆزلىرىمدىن ئىسسىق ياشلار تۆكۈلدى شۇئان تۇيۇقسىزلا ئەسلەپ قالدىم شىرىن كۈنلەرنى كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى سىياقىڭ ھامان گەر بولسىمۇ جېنىم ئارىلىقىمىز يىراق كۆيدۈرسىمۇ ئىشقى ئوتى يۈرەكنى بىراق ئەگەر سەنلا سۆيۈپ ئۆتسەڭلا مېنى مەنمۇ سېنى، سېنى سۆيىمەن مۇزىكا خەتلىرىڭنى كۆرۈپ يايرىم بەكمۇ خوش بولدۇم شەيدا قىلدى مېنى يەنە شىرىن سۆزلىرىڭ چىڭ قاماللاپ مەكتۇبىڭنى باغرىمغا باسسام خىيالىمدا پەيدا بولۇر خۇمار كۆزلىرىڭ گەر بولسىمۇ جېنىم ئارىلىقىمىز يىراق كۆيدۈرسىمۇ ئىشقى ئوتى يۈرەكنى بىراق ئەگەر سەنلا سۆيۈپ ئۆتسەڭلا مېنى مەنمۇ سېنى، سېنى سۆيىمەن