作词 : Ezimet Exmet taran 作曲 : 无 录音缩混:eliaqsopa ئەي گۈل تىكىستى:ئەزمەت ئەخمەت تاران مۇزىكىسى:ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىجرا قىلغۇچى:ئەلى ئاقسوپا، دىلبەر ئابابەكرى ئاۋاز ئالغۇچى،ئۈنۈملىگۈچى:ئەلى ئاقسوپا تىكىسىت كىرگۈزگۈچى:ئابدۇراخمان باشىم قويۇپ ئاستانەڭگە، قۇلاق تۇتسام ئەپسانەڭگە، گەر ئايلانسام دىۋانەڭگە، مىنى سۆيەرمىدىڭ دىلبەر؟ باشىم قويۇپ ئاستانەڭگە، قۇلاق تۇتسام ئەپسانەڭگە، گەر ئايلانسام دىۋانەڭگە، مىنى سۆيەرمىدىڭ ئەي دىل؟ تۇپراق بولسام سەن رەيھانىم، قۇياشقا تولسۇن ئاسمانىم، مەن مەجنۇنغا بولۇپ جانىم، مىنى سۆيەرمىدىڭ دىلبەر؟ رەيھان بولسام سەن باغۋەنىم، قۇياشقا تولسۇن ئاسمانىم، مەن لەيلىگە بولۇپ جانىم، مىنى سۆيەرمىدىڭ ئەي دىل؟ ئەي گۈل، ئەي دىل… ساچلەرىڭگە تاراق بولسام، يولۇڭ ئۆزرە بۇلاق بولسام، قارا تۈندە چىراق بولسام، مىنى سۆيەرمىدىڭ دىلبەر؟ ساچلەرىمگە تاراق بولساڭ، يولۇم ئۆزرە بۇلاق بولساڭ، قارا تۈندە چىراق بولساڭ، مىنى سۆيەرمىدىڭ ئەي دىل؟ تۇپراق بولسام سەن رەيھانىم، قۇياشقا تولسۇن ئاسمانىم، مەن مەجنۇنغا بولۇپ جانىم، مىنى سۆيەرمىدىڭ دىلبەر؟ رەيھان بولسام سەن باغۋەنىم، قۇياشقا تولسۇن ئاسمانىم، مەن لەيلىگە بولۇپ جانىم، مىنى سۆيەرمىدىڭ ئەي دىل؟ ئەي گۈل، ئەي دىل… تولسام دىلگە ئارزۇ بولۇپ، سەن ئەڭ كۈتكەن تۇيغۇ بولۇپ، ئارمان بولسام دەرمان بولۇپ، مىنى سۆيەرمىدىڭ ئەي دىل؟ ئەي گۈل، ئەي دىل…