作词 : 无 作曲 : Bahtiyar-Tayir تىكسىت يازغۇچى : دىلشات جاپپار كۆيدۈم دېسەڭ ئىشەنمەپتىمەن ئەمدى بىلسەم كۆيۈپتىكەنسەن مەڭگۈ دېگەن ۋەدىلىرىڭنى بىر ماڭىلا بېرىپتىكەنسەن مەڭگۈ دېگەن ۋەدىلىرىڭنى بىر ماڭىلا بېرىپتىكەنسەن …مۇزىكا… سۆيگۈ دېگەن شۇنداق بولامدۇ بىرى سۆيسە بىرى سۆيمەمدۇ سۆيگۈ دېگەن شۇنداق بولامدۇ بىرى سۆيسە بىرى تاشلامدۇ ئۆتمۈشۈڭگە ياندۇرالىساڭ يەنە كۆڭلۈڭ ماڭا چۈشەمدۇ ئۆتمۈشۈڭگە ياندۇرالىساڭ يەنە قەلبىڭ ماڭا چۈشەمدۇ …مۇزىكا… كەتتىڭغۇ سەن سۆيگۈمنى ئېلىپ يۈرۈكۈمدە قالدى پۇشايمان ئايلار ئۆتۈپ يىللار ئۆتۈپ شۇ پاك سۆيگۈم بولدىغۇ ئارمان ئايلار ئۆتۈپ يىللار ئۆتۈپ شۇ پاك سۆيگۈم بولدىغۇ ئارمان سۆيگۈ دېگەن شۇنداق بولامدۇ بىرى سۆيسە بىرى سۆيمەمدۇ سۆيگۈ دېگەن شۇنداق بولامدۇ بىرى سۆيسە بىرى تاشلامدۇ ئۆتمۈشۈڭگە ياندۇرالىساڭ يەنە كۆڭلۈڭ ماڭا چۈشەمدۇ ئۆتمۈشۈڭگە ياندۇرالىساڭ يەنە قەلبىڭ ماڭا چۈشەمدۇ تىكسىت يازغۇچى دىلشات جاپپار