作词 : murat-musa/YOUNG FRESH 作曲 : murat-musa/umut-arkin بەدىنى قالقان مەجبۇريەتنى ئالغان مانا مەن دەپ مەيدىگە ئۇرغانلارمۇ ھەيران قالغان بەختلىكمۇ بولغان خۇشاللىققا تولغان ئاىلىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ۋەيران بولغان گەرچە كۆپ بولسىمۇ قىيىنچىلىق ئۆزۈڭگە ئىشىنىپ كۆر باشقىلارنى ئۇتۇش ئۈچۈن ئۆزۈڭنى تۇتۇشنى بىل ئوغۇل دېگەن پالۋاندەك مەنىلىك ئالىدۇ نەپەس ئېسىڭدە بولسۇن ئوغلۇم بۇ يولدا سەن ھەرگىز يالغۇز ئەمەس كۆز ئالدىمدا سەن تىرىشچان تىڭ ئارزۇيۇڭ سەن ئېرىشكەن ئىدىڭ مەن خاپا قىلغاندا سەن تېرىكمەي ھەرگىز مەندىن زېرىكمەي كۆڭلۈمنى كۈلدۈم دەپ ئارقىدا قېلىپ ماڭغان يېشىڭنى تۆكەتتىڭ سەن ئالدىمدا تاغدەك تۇرۇپ كۆڭلۈڭ يېرىم بولغاندا نەگە كەتتىڭ سەن پەقەتلا يالغۇز قويمايتىڭ مېنى قانچىلىك ئالدىراش بولساڭمۇ يېرىئاي دوختۇرغا ئاپاردىڭ مېنى كەچتە ئىشلەپ تويساڭمۇ دادا ئوغلۇڭنى ئوغۇلدەك چوڭ قىلدىڭ سەن قولىغا كەلگەننى ئاتا قىلىپ رەھمەت بوۋا مېنىڭ دادامنى تەربىيىلىدىڭ ئاتامنى ئاتا قىلىپ قاپقاراڭغۇ شەھەردە ياخشى تۇرىۋاتامسەن يانماي تېلېفون ئۇرۇسە تاماكا ئالىدىغان پۇل بەر دەيسە بىزنى ئويلاۋاتامسەن ئېسىڭدە بارمۇ مەن مەن ساڭا مۇھتاج بولغاندا نەلەرگە كەتتىڭ سەن سېنى كۆرگۈم كېلىپ ھەر ۋاقىتتا قوينىغا ئۆزۈمنى ئاتاي دېسەم سەن ئەينەك ئارقىدىن مەردانە ئوغۇل مەن ئۆينىڭ تۈۋرۈكى مەن زۇمرەتتەك يولنى چۇقۇم ئۆزۈم يۇرتىمەن دادا كۈندە سېنى ئۇنتۇيالماي ئەسلەيتىم ساڭا نۇرغۇن گەپلىرىمنى ھەر بىر كەچتە تىلەيتتىم ئاتىسىز بولغان كۈنلەر ھېچبىر يۇرۇق ئەمەس لېكىن ئۆزۈم ياشاۋاتىمەن يەنىلا چەبدەس تۇپراق ئاستىدا سەن ياخشى ياتقىن سەنسىز دۇنيادا بەكلا جاپا تارتتىم ئەمما ئەنسىرمەڭ ئەنسىرىمە مەندىن ئېسىمدىن چىقمايدۇ مېنىڭ فامىلەم سەن جان دادا تېكىستى: مۇرات مۇسا/ئۈمۈد ئەركىن