作曲 : HAKAN 作词 : HAKAN دادا دادا دادا ئاسمىنىمنىڭ يورۇق يۇلتۇزى دادا دادا دادا كېچىلەردە يولنىڭ چىرىقى دادا دادا دادا ئائىلەمنىڭ مەزمۇت چىرىقى دادا دادا دادا بۈگۈن ئوغلۇڭ سېغىندى سېنى بۈگۈن مەن ئېيتاي ئېيتقىلى قوي مىنى دادامغا گېپىم بار تۆت ئېغىز دادام مېنى كىچكىمدىن ئالداپ كەپتۇ دادامغا تۆت ئېغىز تۆت ئېغىز دادامغا يازىمەن بۈگۈن دىس مەن تۆت ئېغىز تۆت ئېغىز بولدى بۈگۈن بولىۋالاي ۋاپاسىز شۇنىلا دىيەلايمەن تۆت ئېغىز ئاڭلىشىمچە دادا مەن تۇغۇلغاندا بېشىڭدىن ئېگىز كۆتۈرۈپتىكەنسىە ئاخىرى ئوغلۇم تۇغۇلدى دەپ پىشانەمگە نەچچىنى سۆيۈپتىكەنسە ھاياجاندا قوشقاردىن ئىككىنى سويۇپ ماڭا ئىسىم قويۇپتىكەنسە زەخمە يەتمىسۇن ئوغلۇمغا دەپ كېچە كۈندۈز ئەتراپىمدا پەرۋانىكەنسە تېلىۋىزوردىكى ئاتنى كۆرسەتسەم شۇئان تۇلپىرىمغا ئايلىناتتىڭ ئۈستۈڭگە مىنىۋىلىپ نىمانچە ئاستا ماڭىسەن دەپ زارلىناتتىم سورۇغۇم كېلەمدۇ ياكى ئىچم ئاغرىمدۇ ھاردىڭمۇ دەپ سورايتىم بوينۇڭنى بۇراپ كەينىڭگە قاراپ ياق بالام مەن ھارمايمەن دەيتىڭ يەتىنجى ئاينىڭ تومۇز ئىسسىقىدا يەلكەڭگە سەن مىنى مىندۈرۈپ يوللاردا باغچىدا سەيلە قىلغاچ دادا توختىماي سەن مىنى كۈلدۈرۈپ تامچە-تامچە تەر گەجگەڭدىن ئ‍ېقىشقا باشلىدى سۇ بولۇپ دادا ھاردىڭمۇ دەپ سورىدىم سەندىن ياق دىدىڭ ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ ئانى ئېلىپبەر دادا مانى ئېلىپبەر دادا مەن بازاردا بەك جىدەلخورتىم ھېلىمۇ ئېسىمدە بىر قېتىم ئاغرىپ قالدىم ئۇكۇل ئۇرماقچى بولدى دوختۇر ئۇنىمىدىم لىكىن ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىمەن دەپ مىنى بەزلىدىڭ ئۇكۇلمۇ تۈگىدى خىيالغا پاتتىڭ ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىپ سەن پۇل خەجلىدىڭ يانچۇقىڭنى ئاستا ئۆرۈپ باقتىڭ پورتمالىڭغا قايتا قاراپ باقتىڭ يېرىلغان قولۇڭدا قولىمنى تۇتتۇڭ مىنى يىتىلەپ ئاستا ئ‍ۆيگە قايتتىڭ يولدا قايىتقاش سەندىن سورىدىم دادا ئەمدى بىزدە پۇل تۈگىدىما جاۋاپ بەردىڭ ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ بانكىدا بار بالام غەم قىمما دادا دادا دادا ئاسمىنىمنىڭ يورۇق يۇلتۇزى دادا دادا دادا كېچىلەردە يولنىڭ چىرىقى دادا دادا دادا ئائىلەمنىڭ مەزمۇت چىرىقى دادا دادا دادا بۈگۈن ئوغلۇڭ سېغىندى سېنى ئىككىمىڭبەش يېشىم ئونسەككىسدە مەن ماڭغاندا ئالىي مەكتەپتە چامدىنىمنى كۆتۈرۈپ ئالدىمدا ماڭغاچ پات-پات قارايتىڭ قولۇڭدىكى بىلەتكە ئاپتوبوسقا چىقىپ قارىدىم پەسكە كەپ بوپسەن ئەينەك تەرەپكە ئاپتوبوس قوزغالدى خوش دىدىم سەن يىغلاپ كەتتىڭ يالغۇز بىكەتتە مەكتەپتە تۇيۇقسىز تېلفون كەلدى ئالدىم كەيىپتە ۋەي بالام ياخشى تۇرۋاتامدىغانسە ؟ ۋاقتىدا تاماق يەۋاتامدىغانسە“ دەرىسلەنىچۇ بالام بىلىۋاتامدىغانسە ؟ تۇرمۇشتا قىينىلىپ قېلىۋاتامدىغانسە“ بىز سېنى بەك سېغىندۇق بالام سەن بىزنى قانچە سېغىنغانسە“ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋاتاتتىم تۇيۇقسىز سائىتىمگە قاراپ باقتىم ئاپلا بولۇپ قاپتۇ مىنىڭ بىرسى بىلەن ئۇچىرىشىدىغان ۋاقتىم يالغان گەپ قىلدىم دادا دەرىسىم بار تېلفوننى قوييىۋەتتىم تېلفونۇمنى تاقىۋەتتىم چۈنكى دادام قايتا تېلفون قىلاتتى مەن بىلەتتىم يىللار ئۆتۈپ دېپلومىمنىمۇ ئالدىم ئالىي مەكتەپنى شۇنداق پۈتتۈرۋەتتىم قايتىپ كەلدىم ئاق بېسىپتۇ چېچىڭنى مىنى قۇچاقلاپ ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىڭ سورىدىم دادا يىغلاۋاتامسەن نىمۇ چۈنكى بۇنى مەن ھېسقىلىپ يەتتىم ياق بالام يىغلىمىدىم دىدىڭ لىكىن يىشىڭنى يۇشۇرالماي تىپىرلاپ كەتتىڭ شۇ تەرىقىدە تۆت يىل مەن خىزمەت يوق بىكا يۈرۈپ كەتتىم ئۇقمىدىم يا قاشتىمۇ تەلەي بۇنىڭغىمۇ مەن كۆنۈپ كەتتىم ھېچكىم قالمىدى ئەتراپىمدا مىنىڭ پەقەتلا كەينىمدە دادام يېنىمدا ئەمدى بىلدىم ھەقىقى دوسكەن دادا يۈزىدە قوروقلىرى بار بۇ يىل يىشىم ئوتتۇزبىردە دادا ماڭا پۈتۈن ياشلىقىڭنى ئاتاپسەن مەرتلەرچە ئويلىغان يەرىڭدىن چىقالماپتىمەن دادا كەچۈر مەن بەك ئەخمەقكەنمەن ماشىنا ئادەم ئەمەس سەنمۇ ئاغرىيدىكەنسى ، ماشىنا ئادەم ئەمەس سەنمۇ ھارىدىكەنسە دادا بولدۇم ئەمدى چۈشەندىم قەلبىڭنى دادا مىنى بۇرۇنقىدەك ئالدىيالمايسەن دادا دادا دادا ئاسمىنىمنىڭ يورۇق يۇلتۇزى دادا دادا دادا كېچىلەردە يولنىڭ چىرىقى دادا دادا دادا ئائىلەمنىڭ مەزمۇت چىرىقى دادا دادا دادا بۈگۈن ئوغلۇڭ سېغىندى سېنى خاقان