作曲 : Mehmutjan_Mamut麦合木提江 作词 : Mehmutjan_Mamut麦合木提江 编曲:Mamtimin Mamut ئۇنتالمىدىم مەخمۇتجان مامۇت ئۆتكەن ئىدۇق زەپمۇ خۇشال كۈنلەرىمىز شېرىن ئىدى لىكىن ئەمدى ئاشۇ كۈنلەر كەلمەسكىلا كەتكەن ئىدى سەۋەپسىزلا ئايرىلدۇق بىز نىمە سىر بار بىلەلمىدىم ۋاپاسىزلىق قىلساڭمۇ سەن سېنى پەقەت ئۇنتالمىدىم سەۋەپسىزلا ئايرىلدۇق بىز نىمە سىر بار بىلەلمىدىم ۋاپاسىزلىق قىلساڭمۇ سەن سېنى پەقەت ئۇنتالمىدىم … مۇزىكا … دىلدىن سۆيگەن نىگارىنى ئۇنتۇش بەكمۇ قېيىن ئىكەن شۇڭا سېنى ئەسلىسەملا يۈرەكلىرىم يېغلايدىكەن سەنمۇ ئەسلەپ قويامسە يار بىرگە ئۆتكەن مىنۇتلارنى زىمىستاندا بىللە ئويناپ ئېتىشقانتۇق ئاپئاق قارنى سەنمۇ ئەسلەپ قويامسە يار بىرگە ئۆتكەن مىنۇتلارنى زىمىستاندا بىللە ئويناپ ئېتىشقانتۇق ئاپئاق قارنى … مۇزىكا … ھېچ بىلمىدىم خىيالىڭنى مۇشۇنداقلا ئۇنۇتتۇڭمۇ مېنى بۇنداق تىز ئۇنتۇشقا سېنىڭ كۆڭلۈڭ قويغانمىدۇ سەندىن سوراي ئەي بىۋاپا ماڭا يالغان كۆيگەنمىدىڭ يۈرەكنى قان-زەرداپ قىلىپ ئايرىلىشقا يۈرگەنمىدىڭ سەندىن سوراي ئەي بىۋاپا ماڭا يالغان كۆيگەنمىدىڭ يۈرەكنى قان-زەرداپ قىلىپ ئايرىلىشقا يۈرگەنمىدىڭ مەن سېنىڭمەن دىگەنىڭنى ماڭا قاراپ كۈلگەنىڭنى ھەمراھ بولۇپ يۈرگەنىڭنى ئۇنتاي دىدىم ئۇنتالمىدىم مۇھاببەتكە كۆنگەن يۈرەك تەنھالىققا كۆنمەيدىكەن سېنى مەڭگۈ ئۇنتاي دىدىم لىكىن كۆڭلۈم قويمايدىكەن سېنى مەڭگۈ ئۇنتاي دىدىم لىكىن كۆڭلۈم قويمايدىكەن يۈرەكلىرىم قويمايدىكەن مېنىڭ كۆڭلۈم قويمايدىكەن