作曲 : Internet 作词 : Rejez Elzat: خۇشاللىقىم پەقەتلا بىر چىمدىم، بۇنىڭغا زادى ئاغرىناي كىمدىن؟ جاراھەتتە يۈرۈگۈم... ... ۈششش، Rejez: ئانام ئۇقمىسۇن، ئانام ئۇقمىسۇن، 不能让妈妈知道,不能让妈妈知道 ئۆتۈنەي ئىسمەمنى ئاتىماڭلار!ئانام ئۇقمىسۇن، 求你们不要叫我的名字!不能让妈妈知道 ئانام تېنىچلىقتا يەنە بىر ئاز قېنىپراق ئۇخلىسۇن. 让妈妈在安静的环境中好好的睡一觉 شۇم خەۋەر ئەمەس، پەقەتلا غۇبارسىز بالىلىقىم ئانامنىڭ چۈشىنى يوقلىسۇن، 不是让坏消息,而是只让童年美好时光在妈妈的美梦里打转 بىرۋاق بولسىمۇ ئانام غەم يىمەستىن غىزادا قورساقنى توقلىسۇن. 就算是一次也要让他不吃苦的填饱肚子 مەن بەڭباش چالغاندا ھاياتىمغا دۈدۈك،(پۈشتەك) 当我这个无知四处闯祸 ئانام پايپېتەك ئارقىمدا ھالى مۈدۈك،(كىچىك) 当妈妈每次为了收拾我的烂摊子累的直不起腰 ئېھ، بېچارە ئانامنىڭ مەڭزى ياشقا كۆنۈك، 唉,可怜的妈妈习惯了哭泣 كۆز نۇرى سىرغىپ ئېقىپ كېتىپ ئەمدى كۆزى خۇنۈك.(نۇرسىز) 泛黄的眼光已经变得模糊 ئانام ئۇخمىسۇن: 别让妈妈知道 گۆدەكلىكتە ئېغىناپ توپىدا ياتقاننى، 小时候不懂事躺在泥土里 ياشلىق- شاشلىقتا تاياق يەپ ياتقاننى، 年轻气盛时的打架惹事 قىرانلىقتا مەندەك بىر زابوينىڭ كوچا گىرۋىكىدە قۇسۇق ئارىسىدا ياتقاننى، 风华正茂时像我这样酒鬼躺在路边 دەتتىكام دەپ مەيدەمگە ئۇرۇپلا ئاتقاننى، 不管不顾时拍起胸脯就跳出来 غەپلەتتە پاتقاققا پاتقاننى، 遇到难事解决不了 كىشىدىن ئېلىپ ھەم ساتقاننى، 从别人那儿索取还去诱卖 ئاز-كۆپ رىيازەت تارتقاننى، 多少吃了点苦头 ھارام ئىشقا ھەسسەمنى قاتقاننى، 干了不应该干的事 مۇشەققەتتە ئۇھ تارتقاننى، 难事中叹气 جەبىرنىڭ تاغىرىنى جاپادا غولۇمغا ئارتقاننى، 背起那痛苦的麻袋 بىلىپ قالسا ئانام، 万一让妈妈知道 بىچارە بالام، 说我可怜的孩子 دەپ بولۇر بىئارام، 会让她难受 ئاقسا يېشى تارام، 流着眼泪 ھالال دىماقتا نەپەسلىرىم ھارام 会让我变得没有办法呼吸 بولۇپ ھەتتاكى ئېغىرلاپ كېتەر مېنىڭ يۈرەك، دىل يارام، 甚至会让我心里的创伤更加加深 تىلىگىم ئانام بىر شېرىنلىق خۇرسىنىپ بالام ئامان دەپ كۆرسۈن چۈش، 我只希望妈妈能在美梦中梦到我是健康无忧的 گەر ياتساممۇ مەن سوغۇق زەي *** رازى، ئانام ئۇخمىسۇن ۈششششش 就算我躺在冰冷的山洞里,不能让妈妈知道 Elzat: خۇشاللىقىم پەقەتلا بىر چىمدىم، بۇنىڭغا زادى ئاغرىناي كىمدىن؟ جاراھەتتە يۈرۈگۈم... ... ۈششش، Rejez: كۆپ گۇنايىم، 过错太多 خىجالەتتىن خىجالەت كۆپ گۇنايىم، 为这些过错都感到羞耻 ۋاي يارىم گۈلئايىم، 哎,我的爱人 دەپ ئانام ئۇزغا بولالـمىدىم مۇلايىم، 不能对妈妈这么温柔体贴 ئانام ئۇقمىسۇن مەندەك بىر يارىماس ئوغلى بولۇپ قالدى سايىم. 不能让妈妈知道我这个儿子是这么的无能 بارا-بارا شۇنداق كۈنسايىن، 日复一日,年复一年 چۈچۈك تىلىمدا ئانام ئەڭ گۈزەل دېگەن ئەھدەمنى بۇزۇپتىمەن ئانام ئۇقمىسۇن مەن بىر خائىن. 纯粹的语中已经不是妈妈最美,不能让妈妈知道我是个间谍 بىر غۇلاش ھاياتىم ئۈستىدە، ئانامنى رازى قىلغىنىم بىر غېرىش، 短暂的人生中,让妈妈认同的时刻只有呢么一点 ئانام ئۇقمىسۇن ئۆزۈمدىن ئاغرىنىپ تىكەن سىقىمداپ قانىسا پەنجىم.(بارماق) 不能让妈妈因为跟自己呕气都已经伤害自己 دوزاقتەك ھاياتىم ئۈستىدە پەقەتلا ئانامدۇر گۈزەل بىر بېھىش، 在地狱般的生活里妈妈才是那一片曙光 ئانام ئۇقمىسۇن بىر رەت بولسىمۇ ئۆزۈمگە تەئەللۇق بولسۇن بۇ رەنجىم.(دەرد-ئەلەم) 不能让妈妈知道,就算是一次痛苦也应该由我来承担 ئانام ھۆسنىدىن پەقەتلا بىر ئاز، بولسىمۇ يوقۇسۇن كۆڭلۈمدە تەشۋىش، 妈妈的美貌不能消失,该消失应该是心里的恐慌 ئانام ئۇقمىسۇن ئەي كۆزۈم ئۆتۈنەي ياش بىلەن دەردىمنى قىلـمىغىن تەرجىم. 千万不能让妈妈知道,拜托不能让眼睛出卖了我 خۇشاللىقىم ئانامدا قالسۇن، مەن بىلەن يوقۇسۇن ماڭا تەۋە كەچمىش، 欢乐留给妈妈,让我跟一切的不开心一起消失 ئانام ئۇقمىسۇن گەر كەتسەممۇ،ئانامنى رازى قىلسۇن ئارقىمدىن كەنجىم،(ئۆينىڭ كىچىكى) 虽然走了也不能让妈妈知道,就算是老幺也要让妈妈开心 تىلىمغا تاش، گەر ئانام ماغدۇردىن قالسا ئانامنىڭ ئوڭ-سول يېقى مەن بولاي، 不乱说,如果妈妈有气无力那我愿意当她的左右拐杖 گەر ئانام تۈگىسە، ئانام ياتقان «مازار غوجام»نىڭ ھەتتاكى شەيىقى مەن بولاي، 万一妈妈不在了,让我来当坟墓的稻草人 (ئەزگۈ بايانلار ئۈستىدە ماغدۇرۇم كۆپ، ئانامنى كۈلدۈرۈشكە يوقتۇر كۈش(كۈچ 吉祥的话语满嘴都是,唯独没有力气让妈妈开心 ئىمكانىم ئۈستىدە قولۇمدىن كېلىشى پەقەتلا ئانام ئۇقمىسۇن ۈششششششش. 我只能做的只有不让妈妈知道 Elzat: خۇشاللىقىم پەقەتلا بىر چىمدىم بۇنىڭغا زادى ئاغرىناي كىمدىن؟ جاراھەتتە يۈرۈگۈم... ... ۈششش