作曲 : internet
作词 : Rejez/Rejez
تۇرۇقۇم جايىدا، ئىچىم بېزىكى دەردلىك
模样不错 ,内心装饰的很悲伤
شۇنداق تۇرۇقلۇق نامەرد تەقدىرگە ئىپادەم مەردلىك
就算这样,对于不讲义气的命运表现得特别慷慨
تىل قىسىنچام يوق ھايات ئۆتكۈزۈپ قويغاننى تارتىۋالدى ئەپلىك
我不必屈辱节操,生活以剥夺给我的一切
كېيىنكىنى بىلـمىدىم، بىلگىنىم رىيازەت كېلىدۇ رەتلىك
以后的不知道,能知道的都是磨难
ئۇھ... خۇشالدەكما؟ ھە!؟ ھەممىنى ھەسرەت تارتىۋالدى
哎,看起来很开心吗?啊?!所有的都被悲伤抢走了
ئېغىرىم يوقتەك ھايات غۇلۇمغا قولىنى ئارتىۋالدى
没有困难的人生搭在了我的肩膀
ئېھ ھايات زارلاندۇرغاچقا تەسەللىي ئىزدەپ يەنە ئاچتىم كونا پورتماننى
被生活压迫的我为了寻找安慰又打开了旧钱包
ئانام رايىش مەزلۇم سۈرەتتىمۇ قارايتتى نۇرلۇق
慈祥的母亲用温顺的目光看着我
ئاتام دانىش مەزمۇت سۈپەتتە قارار غورۇرلۇق
学识渊博的爸爸有骨气的看着我
ئۇلار يۈرىكى مەن بىلەن بىر گەۋدە يۇغۇرلۇپ
他们的心跟我一起悲痛
لىك ئۈمۈدۈم پەريادىمنى بىلـمىسۇن ئۇلار ھەم مەن توغۇرلۇق
希望他们不要知道关于我的哀号声
چۈنكى ئانامنىڭ باغرى زېدە ئاغرىق، يۈرىكى پىچىم
因为妈妈的心里很是难过
ئاتامنىڭ پۇتى ئاغرىق ئىلاجسىز ئاغرىيدۇ ئىچىم
爸爸的脚痛让我心痛不已
كۈلۈمسىرەپ تۇرار كۈلكە بىلەن يۇشۇرغاندەك ، لېكىن يېپىلـماس شاھىدى ئىزنا قورۇق بىچىم.(ئادەم يۈزىدىكى ياكى ئالقىنىدىكى (سىزىقچىلار
总是微笑,像是用微笑隐藏一样,但是他们脸上的皱纹不能隐藏
قايتارما:
نەدە ئاتامدەك تېرەك تىمەن(مەزمۇت)بار؟
哪里还有父亲般英俊的男人
نەدە ئانامدەك مېھرى چىمەن(گۈلزار)بار؟
哪里还有母亲般慈祥的女人
ئاتام دېدىم ئانام دېدىم،ei
我呼唤父亲,呼唤母亲
ئۇلاردىن باشقا يەنە نېمەم بار؟
我除了他们还有谁
(ئانام ئۇزدىن سىرت، رام قىلدى مېنى كۆزى مەرغۇپ،(كىشىنى جەلپ قىلىدىغان
除了母亲,她的眼睛令我着迷
پېقىر كۆزى كور ئىشىق ئوتىدا بولدى مەغلۇپ
我双眼为爱失命,败在了痴情中
دەتتىكام دەپ ئاتقان ئىشىق شىشىقالدىن كەتتىم بەلكى ئېزىپ
为了靠运气扔下的筛子却没有得到什么
ۋەسسالام دەپ ئىرادەمدە بېرەتتىم يۈرەكنى قېزىپ
我鼓足勇气为她掏出心扉
سەرسان دىۋانە مەن جاھان كېزىپ يالاڭ ئاياغ
流浪乞丐般的我赤着脚在求生
ۋىسالغا يەتسەم رازى دەپ تۇرۇقۇم مۇردا، روھىم ساياق
为了得到她我已遍体鳞伤
كەم ماغدۇر ئاشىق بولغۇنۇم سەۋەب كۆيگەچ مەن ئاداق
我因无能为力而痴迷一生
شىكەستە يۈرۈگۈم رەڭگى سۇسلاپ باستى ھەم قاداق
受伤的心已失去光泽,只剩厚茧
تۈتۈن ئاچچىقىنى يۈتتۈم پۈتۈن ئاران داۋام، ئارام بولـمىغاچ تېنىمدا ئۈلپەتلىك تۇرخۇن
我把所有的苦咽在心里,得不到安宁变得更悲情
ئانام ئوغۇل دەپ تۇققان مەن ئەركەك زاتىنىڭ ئەمدى بېشىدا تەڭ قىس كۈلپەت دەردى نۇرغۇن
我是母亲的骄子,如今被悲欢离合所淹没
گۈزەل باشلىنىش دەرد-ئەلەمگە باشلىنىش دەپ تاشلاپ كەتتى ھەتتاكى قەسەمياد يايرىم
美好的开始以悲哀为名义离我而去
ھايات سەنمۇ كەتكىن داد-پەندىيات، قەبرىدە تىمتاس تۇرغۇم كەلدى ئۆزۈم ئايرىم
生命你快结束吧,我想自己孤身一人待在我的坟墓里
قايتارما:
نەدە ئاتامدەك تېرەك تىمەن(مەزمۇت)بار؟
哪里还有父亲般英俊的男人
نەدە ئانامدەك مېھرى چىمەن(گۈلزار)بار؟
哪里还有母亲般慈祥的女人
ئاتام دېدىم ئانام دېدىم،ei
我呼唤父亲,呼唤母亲
ئۇلاردىن باشقا يەنە نېمەم بار؟
我除了他们还有谁
تاشلاپ ئاتامدەك بىردىنبىر مەن ئۈچۈن ئىگىلەر ئاتنى
我丢下了父亲这匹为我付出一生的马
ئوغۇلبالادارچىلىق دەپ مىندۈرۈپ ئاغىنەم دەپ ياتنى
跟在了所谓的朋友后面远远离去
ئىگىرىمدىن تۇتتى ناكەس باشلاپ ئەسكى چوقۇرغا
他们带我走向了悬崖
مەن كۆڭۈلچەكنى ئاتام ئىزدەپ مىندۈرۈپ كەتتى ئوقۇرغا
然而父亲仍为我奔波劳碌
ئىنسان ئەزەل، نۇقسان غەزەلدە ئەندىك
人,向来是有缺点
(بۇرنى پۈتۈك سۇ كىرمەس ئازلىق قىلاركى مىڭلارچە تەنبىھ،(تەنبىك
接二连三犯错的人只能被批评所淹没
قويۇڭنى باقتىم ئىگە بولـمۇدۇم بىر قوزىغا ئاغىنەم مالىك
我为朋友养了一群羊,然而一个都不属于自己
(ئېتىمغا قاراپ قويغۇنۇڭغا ھەيدىگىنىڭ بولىدۇ خادىك.(ھەشەمەتلىك ئات ھارۋىسى
朋友为我照看了马,但拥有了豪华马车
ئېھ ھايات... ئۆتۈنەي بۇنداق زارلاندۇرما، چىشلەۋېرىپ ھەتتاكى ھۆل بولۇپ كەتتى ياقام
啊,生活,不要再这样折磨人了,不停的咬衣领都已经湿透了
ئاتا-ئانامدىن باشقا بىركىملەرگە سەرسان قىلـما تولا مېڭىپ ئۇۋۇلۇپ كەتتى تاقام
请不要让我在除了父母以外他人面前低头,我以粉身碎骨
مېھىرنىڭ چەشمىسى ئىكەن ئەسلى ئانام، ئوغۇلبالادارچىلىققا ئەسلى تۇيۇنغان ئىكەن ئاتام
原来母亲是爱的源泉
原来父亲是真正充满男子汉气概的那个人
رىزىقىم ئۆزگىدە بولـمىسۇن سىلەرگە قۇل بولاي، ۋاپادار ئەمىنلىكتىن(خاتىرجەملىك) يىگەچ سىڭەر بىر كاپام
我愿一生为你们效劳
因为孝顺之人才能安心度日
قايتارما:
نەدە ئاتامدەك تېرەك تىمەن(مەزمۇت)بار؟
哪里还有父亲般英俊的男人
نەدە ئانامدەك مېھرى چىمەن(گۈلزار)بار؟
哪里还有母亲般慈祥的女人
ئاتام دېدىم ئانام دېدىم،ei
我呼唤父亲,呼唤母亲
ئۇلاردىن باشقا يەنە نېمەم بار؟
我除了他们还有谁